چۈنكى، مەن – مۇئەللىم (ئوقۇتقۇچى تىلىدىن) ماھىنۇر توختىھاجى ھەركۈنى، تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يېزىنىڭ ئاسفالىت يوللىرىدا ماڭا ھەرۋاقت ھەمراھ بولۇپ، مېنى جەۋرى-جاپا ئىسكەنجىسىدىن ئازغىنە بولسىمۇ ئاسايىشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىۋاتقان ئاددىيغىنە موتسىكىلىتىمنى ھەيدەپ، خەلقنىڭ يۈكسەك ئىشەنچى، ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغۋار غايەم يولىدا ئىلىم-ھېكمەت كانىمغا يۈرۈپ كېتىمەن. يولدا كېتىپ بارغىنىمدا، نۇرغۇن تونۇشلار، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن ئاغىنىلىرىم ماڭا سالام بېرىدۇ ھەمدە چاقچاق قىلىپ: ـــ قېرىپ كېتىپسەن، ئازراق ئىشلە! ياش تۇرۇپ ئاپئاق چاچلىرىڭ بىلەن يۈرسەڭ بىزدىن چېنىپ قالغۇدەكسەن، ــ دېيىشىدۇ. مەن ئۇلارغا شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىمەن: ــ ئىلىم-ھېكىمەت كانىدا تىنماي سايراۋاتقان سەبىي غۇنچىلارنىڭ مەڭزىدىكى تەبەسسۇم كۈلكىلەر، شادلىق چېقىنلىرى مەندەك بىر ئاددى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھالال مېھنەت تەرىدىن، سىلەر مەسخىرە قىلىۋاتقان پىشانەمدىكى يول-يول قورۇقلاردىن، بور توزانلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن ئاپئاق چاچلار ئەجرىدىن، ئالدىڭلاردا كۆزئەينەك تاقاپ غۇۋالىشىپ كەتكەن كۆز نۇرۇم بەھرىدىن كەلگەن. باشقىلار كۈلۈشۈپ مېنى مەسخىرە قىلىشقاندا، مېنىڭ مېھنەت نۇرۇمدىن ئوزۇقلىنىپ مەۋجۇداتلانغان سەبىي قارا كۆزلەر ماڭا خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىدۇ، مېنى ئالىي ھۆرمەت سۇپىسىغا تەكلىپ ئېتىدۇ. شۇندىلا، مەن قەددىمنى كېرىپ تۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن كۈلىمەن. مېنىڭ غورۇرۇم ۋە ئىپتىخارىم ــ ئاشۇ بالىلار. ئۇلار بىلەن ئېسىل ماشىنىلارنى، گۈزەل داچا ئۆيلەرنى خىيال قىلمايمەن، چۈنكى، ئۇلار مېنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىقىم، ئۇلارسىز يەنە چەكسىز بايلىق تەمە قىلىش نە ھاجەت؟ ئۇلار ھەرۋاقىت مېنى شادلىق سەيناسىدا يايرىتىپ ئۆتىدۇ، سائادەت كوچىسىدا قەلەندەر كەبى تەمتىرىتىپ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەسەللىسى ۋە ئىلھامى بىلەن مەڭگۈ ياشىرىپ ئۆتىمەن. چۈنكى، مەن - مۇئەللىم. (ئاپتورى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىدىن) كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى تەھىرلىگۇچى:admin
|