بالدۇر ئۇخلاش ئارقىلىق تېرىككەكلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن
كىشىلەر دائىم بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، دېيىشىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قېنىپ ئۇخلاش ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۇلاردىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار 15 مىڭ ياش – ئۆسمۈر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىغاندا، ھەر كۈنى بەش سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %71، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى %48 يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇر بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى دائىم كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دائىم كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %24، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى %20 يۇقىرى بولغان.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.
|