پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى — ئويۇن ئويناش

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21 19:21 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئويۇن ئويناش بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئائىلىدىكىلەر بالا بىلەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق، بالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام يېتى
تەلەي +1

بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى — ئويۇن ئويناش

 

بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى — ئويۇن ئويناش
 

 

ئويۇن ئويناش بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئائىلىدىكىلەر بالا بىلەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق، بالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

1. دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا بالىنىڭ كارىۋىتى ئۈستىگە بەزى چىرايلىق بولغان ئويۇنچۇق ياكى رەسىملەرنى ئېسىپ قويغاندا، بۇ مۇزىكا چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلار، رەسىم قاتارلىقلار بالىنى تىنچلاندۇرۇپ، بالىنىڭ ياخشى كەيپىيات ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. ئايلىق بولغان بالىغا شالدىراق قوڭغۇراقنى تۇتقۇزۇپ قويغاندا، بالىنىڭ كۆزى ۋە قول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

3. ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى بالىنىڭ پۇتى يېتىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ، بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇتى ئارقىلىق ئويۇنچۇقنى ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بالا پۇتىنى بۇ ئويۇنچۇققا تەگكۈزگەندە، ئويۇنچۇق ئاۋاز چىقارسا، بالا ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇ بالىنىڭ پۇت-قولى ۋە كۆزىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا پايدىلىق.

4. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلىغاندا چىققان ئاۋاز بالىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇنى خۇشال قىلىدۇ.

5. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا مۆكۈ-مۆكىلەڭ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. قولىغا رەخت ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئاندىن يەنە رەختنى ئېلىپ، ئاندىن يەنە ئويۇنچۇقنى يۆگەپ، يەنە ئېچىۋېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بالىدا يېڭى بايقاشلارنى پەيدا قىلىدۇ.

6. ئەينەككە قاراش جەريانىدا، بالا ئۆزى ۋە باشقىلارنى تونۇيدۇ. بۇ بالا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

7. ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سرت، ئىللىق قۇياش نۇرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى «ئەڭ»لەر [ 2012-02-27 17:02:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك [ 2012-02-27 17:00:31 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پاك-دىيانەتلىك بولۇش پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى [ 2012-02-27 16:56:48 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى ت [ 2012-02-27 16:54:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئەسكەر قىزلار ھەربىي پارا [ 2012-02-27 16:52:35 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى نازارەت قى [ 2012-02-27 16:43:12 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاي شارىدا قېزىۋالغىدەك قانچىلىك بايلىق بار [ 2012-02-27 16:40:12 ]
[قانۇن تۇزۇم] خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى [ 2012-02-27 16:37:21 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى بالىلارنىڭ پىسخى [ 2012-02-27 16:34:03 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆپ يېيىش دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن [ 2012-02-27 16:32:50 ]



ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر