بالىڭىز بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ئۆزىڭىزنى بالىڭىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭ بالىڭىزنىڭ رولىنى ئېلىپ بېقىڭ . كۆڭلىدە بالىنىڭ رولىنى ئېلىپ ، مەسلىگە بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراش ، بالىنىڭ تەسىراتىنى ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك . خىيالەن پىكىرلىشىپ بېقىڭ . بالىنىڭ قىلمىشىنى چۈشەنمىگەندە خيالەن پىكىرلىشىپ باقسا بولىدۇ . مەسلەن ، ئاتا – ئانا تەرەپتىن ‹‹بالام نېمىشقا ئاچچىقىمنى كەلتۈرىدۇ ‹نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايدۇ؟›› دېگەننى خىيال قىلىپ ، يەنە بىر تەرەپنىڭ بالىنىڭ كۆڭلىدە خىيال قىلىپ ‹‹ مەن خېلىلا چوڭ بولدۇم ، نېمىشقا خاتىرجەم بولالمايدىغاندۇ›› دېگەندەك ئويلاپ باقسا بولىدۇ ، بۇنداق خىيالەن پىكىرلىشىش ئاتا – ئانىنى بالىغا نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ . تەسىراتىڭىزنى تەقلىد قىلىپ بېقىڭ . ئاتا – ئانا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىدىكى مەسلۇم تەسىراتلىرىنى بالىغا تەقلىد قىلسا ، مەسلەن ، ئۆزىنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى مەغلۇبىيەت ھېسياتىنى ئويلاپ ، بالىغا تەقلىد قىلسا ، بالىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدىكى روھىي ھالىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ بېقىڭ . دائىم ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىنى ئەسلەپ ‹‹ئەگەر مەن بالا بوپ قالسام..›› دېگەننى ئويلاپ ، بالىنىڭ تېخى بالا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسا ، بالىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ . سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سېلىش . پىكىر ئالماشتۇرغاندا ، ئاتا – ئانا ئېغىزىنى ئەمەس ، قۇلىقىنى ئىشلىتىشى ، سۆزلەشكە ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە ، ئۆگىتىشكە ئالدىرىماي ، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك . قەغەز يۈزىدە پىكىر ئالماشتۇرۇڭ . خاتىرە قالدۇرۇش ، خەت يېزىش ۋە تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ . قەغەز يۈزىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئېغىزدا دېيىش تەس بولغان تەرەپلەردە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|