پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىككى يا

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 21:39 مەنبەسى: بەشتاش مۇنبىرى ئاپتورى: يانتاق كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقلىقى بالىلارنىڭ11 -12 ياشتىن14 -15 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەقى

ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقلىقى

 

 
بالىلارنىڭ11  -12  ياشتىن14  -15  ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەقىل - پاراسىتى چاقناپ تۇرغان مەزگىل. بۇ، بالىلىقتىن ياشلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشتا جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ، ھاياتلىقتىكى مۇھىم بۇرۇلۇش مەزگىلى. بۇ ۋاقىتتا ئۆسمۈرلەر ئەقىل - پاراسەت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىشىمۇ، تاپتىن چىقىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، خاتا يولغا كىرىپ، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىشىمۇ مۇمكىن. مانا بۇ ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتىنىڭ «ئىككى ياقلىمىلىقلىقى» ھېسابلىنىدۇ.
  بۇنداق ئىككى ياقلىمىلىقلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشى توساتتىن تېزلىشىدۇ، ھەرىكەت مىقدارى تېز ئاشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولۇپ تاشقان كۈچ - قۇۋۋەتنى تاشقىرىغا چىقىرىشقا ئىنتىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بىلىشى غۇۋا بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن قوپاللىق، جۈرئەتلىك بىلەن قاراملىق، كەسكىنلىك بىلەن يەڭگىللىك، قەيسەرلىك بىلەن جاھىللىق، تۈز كۆڭۈللۈكلۈك بىلەن ئەدەپسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئايرىۋالالمىغانلىقتىن، بىر تەرەپتىن، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بىمەنە قىلمىشلاردا بولۇپ، زېھنىنى چېچىپ، چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى ئۆسمۈرلەرنىڭ باتۇرلۇقنى «باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش»، كەسكىن بولۇشنى «ئېغىزدىن چىققانىكەن جەزمەن ئىشلەش كېرەك»، ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇشۇشنى «قەھرىماننىڭ جاسارىتى»، بۇرادەرلىك ۋىجدانىنى «ئاغىنىدارچىلىق» دەپ قاراش، «جۈرئەتلىك» لىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا غەرەزلىك گەپ ياندۇرۇش، ھەتتا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىقنى «ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش» دەۋېلىشى قاتارلىقلار.
  بۇ مەزگىلدىكى ئۆسمۈرلەردە بىر خىل كۈچلۈك  «چوڭلۇق تۇيغۇسى» پەيدا بولۇپ، مۇستەقىل ياشاش، چوڭلارغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش تەلەپلىرىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇلار مەيلى سۆز - ھەرىكەت، يۈرۈش - تۇرۇش، كىيىنىش، پائالىيەت مەزمۇنى، تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتلەردە بولسۇن ياكى باشقا تەرەپلەردە بولسۇن، مۇستەقىللىقىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلىدۇ. مەسىلەن، پائالىيەتلەردە كىچىك ياشتىكى بالىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئالاقە دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، سۆز - ھەرىكەت، يۈرۈش - تۇرۇشتا ئاتا - ئانىسىغا بېقىنمايدۇ، چوڭلار قىلىدىغان ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيدۇ. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى كەمچىل بولغاچقا، زۆرۈر بولغان ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمۇ كەمچىل بولىدۇ. مۇستەقىللىق تەلىپى بىلەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق زىددىيەت بىر تەرەپتىن، توغرا تەربىيىنىڭ يېتەكلىشىدە مۇستەقىل ئۆگىنىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، توغرا يېتەكچىلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، خاتا ئىش قىلدۇرۇپ قويۇش، مەغلۇبىيەتتىن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشى، ياكى قىيىنچىلىقتىن قورقۇشتەك ناچار پسىخىكىلىق پەزىلەت پەيدا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
  ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بالىلارنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ. «چوڭلۇق تۇيغۇسى» نىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلاپ، باشقىلار مېنى قەدىرلىشى، ھۆرمەتلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆرمەتلىنىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغان ئېھتىياج ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىراق، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئۇلارنىڭ بۇ پسىخىكىلىق ئېھتىياجىنى چۈشەنمەي، ھامان ئۇلارنى ئادەت بويىچىلا «بالا» دەپ قارايدۇ، بۇنداق قىلىش كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا بەرھەم بېرىپ قويىدۇ. ئۇلاردىكى غۇرۇرنىڭ كۈچىيىشى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، بىراق يەنە بەلكىم بىر تەرەپلىمە ھالدا غۇرۇرىنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا قوغلىشىپ، يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
  ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئىككى ياقلىمىلىقلىقى» بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، بۇ، زىددىيەتكە تولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى ئۆسمۈرلەر ھەم ئىش ئۇقىدۇ، ھەم ئىش ئۇقمايدۇ، ھەم مۇستەقىللىقى بولىدۇ، ھەم تايىنىۋېلىشچانلىقى بولىدۇ، ھەم چوڭلارغا ئوخشايدۇ، ھەم بالىلىق قىلىدۇ، «چوڭلارنىڭ بويى، بالىلارنىڭ قىلىقى» دېگەندەك يېرىم - يارتا پىشقان مەزگىلدە تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدىكى ئۆسمۈرلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالدۇرراق يېتىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

يانتاقنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر