پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-08 23:27 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىزدە «تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى» دېگەن ھېكمەت بار، بىر ئادەمنىڭ گەپ–سۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.
تەلەي +1

 

ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى

ئىمىنجان كېرىم ئاق شەھىرى

ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى

بىزدە «تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى» دېگەن ھېكمەت بار، بىر ئادەمنىڭ گەپ–سۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىنلا ئەدەپلىك سۆزلەشكە، تىلنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن، قوپال سۆزلۈگۈچىلەرنى بىئەدەپلىكتە ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئىلمىي، چىرايلىق، يېقىملىق سۆزلەشكە ئۈندىگەن ۋە بۇ تەربىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئادەتتە تىلى گۈزەل كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئۆتكۈر بولىدۇ. نەچچە ئېغىز چىرايلىق سۆز باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ، قايىل قىلالايدۇ، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتنى ئۇرغىتىدۇ. قوپال سۆز ئاسانلا باشقىلارنىڭ رايىنى قايتۇرىدۇ، دىلىنى رەنجىتىدۇ، كۆڭلىنى سوۋۇتىدۇ. قوپال سۆز كىشىلىك ئەخلاققا مۇخالىپ بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي ئەخلاققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆزى قوپال بولۇش بەزى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدە يېڭىدىن بىخ سۈرۈۋاتقان ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى. ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۆز ئارا مۇناسىۋەت–ئالاقىدە قوپال تىل ئائىلىلەر، ھەتتا جەمئىيەت، ئىدارە – ئورگان ۋە مەكتەپلەردىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.

مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەكتەپكە يېقىنراق كوچىدا كېتىۋېتىپ، مەكتەپ كانىيىدىن بىراۋنىڭ «توپ مەيدانىدا ئويناۋاتقان ياغاچ قۇلاق ئېشەكلەر، توپ ئويناۋاتقان چوشقىلار دەرھال سىنىپىڭغا كىرىپ كەت!»دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئوقۇتقۇچىلار «ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەشكە، تەن جازاسى بېرىشكە بولمايدىغانلىقى»نى ئوبدان بىلىدۇ–يۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدۇ، تىللايدۇ.

بىزدە «ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. گۈزەل تىل، يېقىملىق، ئىلمىي گەپ–سۆزلەر باھار ئاپتىپىدەك تومۇر–تومۇرلارغا ئېقىپ كىرىپ، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىللىتىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بەزىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلسا، يەنە بەزىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ زېرىكمەيدۇ. ئىلمىي سۆز ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىلمىي سۆز ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. نورمال ئادەم پىكىر قىلىشنى بىلىدىغان، تىلى ساغلام ۋە تەپەككۇرغا ماھىر بولۇشى لازىم. ئىلمىي سۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئەمەلىيەتتە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بولۇپ، ئىلمىي سۆز ۋە گۈزەل تىل مەدەنىيلىككە ئىگە جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكسىچە، قوپال سۆزنىڭ نەتىجىسى پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. قىسقىسى، تىل گۈزەللىكى قەلب گۈزەللىكى بولۇپ، ئىلمىي سۆز ئادەمنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

更多

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم [ 2012-09-08 23:40:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نا [ 2012-09-08 23:37:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئە [ 2012-09-08 23:33:51 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى [ 2012-09-08 23:29:57 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى [ 2012-09-08 23:27:06 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە [ 2012-09-08 23:23:20 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم [ 2012-09-08 23:19:16 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] تەتىل ھەققىدە پاراڭ [ 2012-09-08 23:12:59 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ئوتتۇرا باشلانغۇچ قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۇش مەش [ 2012-08-11 01:05:11 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتېماتىكا مەشىقچىسى-小学数学练习机 [ 2012-08-11 00:57:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر