پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

تەتىل ھەققىدە پاراڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-08 23:12 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلار زارقىپ كۈتىدىغان بىر مەزگىل بار، بۇ دەل تەتىلدۇر. ئالدىراشچىلىق، قاينام-تاشقىنلىق، بېسىم ۋە رىقابەتكە تولغان ئوقۇش ۋە ئ
تەلەي +1

 

تەتىل ھەققىدە پاراڭ

غالىب مۇھەممەدقارلۇق

تەتىل ھەققىدە پاراڭ

 

ئوقۇغۇچىلار زارقىپ كۈتىدىغان بىر مەزگىل بار، بۇ دەل تەتىلدۇر. ئالدىراشچىلىق، قاينام-تاشقىنلىق، بېسىم ۋە رىقابەتكە تولغان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش مەۋسۇمى ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە ئىنتىزار قىلىۋېتىدۇ. تەتىل ئۇلار ئۈچۈن راستىنلا كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان، روھىي جاپالىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ پىسخىك بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغان مەزگىلدۇر.

مائارىپ قانۇنىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچى ئۈزلۈكسىز تەربىيە جەريانىدا مەلۇم مەزگىللىك ئارام ئېلىشقا موھتاج. شۇڭا بىر مەۋسۇملۇق ئەقلىي پائالىيەتتىن كېيىن ئۇلاپلا ئەقلىي پائالىيەتكە ئاتلىنىش ئىلمىي ھەم مۇۋاپىق بولمايدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتار ئامىللار سەۋەبىدىن تەتىل شەكىللەنگەن.

دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەتىل قىلىشىدا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، بەزى ئەللەردە يىلدا تۆت قېتىم تەتىل قىلسا، بەزى ئەللەردە ئۈچ قېتىم ياكى ئىككى قېتىم تەتىل قىلىدىكەن. تەتىلنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىدىمۇ پەرقلەر بولىدىكەن. ئېلىمىزدە يىلدا ئىككى قېتىم، يەنى ياز ۋە قىشتا تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدا 7-8-ئاي تومۇز ئىسسىق بولغاچقا، يازلىق تەتىلگە دەل مۇشۇ چاغدا قويۇپ بېرىلىدۇ ھەم ۋاقتىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. 1-2-ئايلاردا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە قىشلىق تەتىل بولىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، بالىلار ئۆزىنىڭ ئارام ئالىدىغان، ئوينايدىغان تەتىلىنىڭ يېتىپ كەلگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشىدۇ. لېكىن، يېقىندىن بۇيان مەن بەزى بالىلارنىڭ قاقشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار ئۆزىنىڭ قاتتىق چارچاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، «تەتىل قىلمىسىمۇ بوپتىكەن» دەپ ئارزۇلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپچىلىككە ئايان. «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دېگەندەك تەتىلدە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش، ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش، ساياھەت قىلدۇرۇش، تەتىللىك كۇرسلاردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئويلايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ تەتىلىگە كۇرس، تەكرارلاش دېگەندەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزەرىدە توغرىدەك قىلسىمۇ، بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، بالىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەتىللىك پىلانى بولۇشى، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ پىلانى ئاساسىدا ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىشىگە پايدىلىق پىلانلارنى تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك تەتىل ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشى ياكى ئەتراپلىق يېتىلىشىگە پايدىلىق.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

更多

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم [ 2012-09-08 23:40:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نا [ 2012-09-08 23:37:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئە [ 2012-09-08 23:33:51 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى [ 2012-09-08 23:29:57 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى [ 2012-09-08 23:27:06 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە [ 2012-09-08 23:23:20 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم [ 2012-09-08 23:19:16 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] تەتىل ھەققىدە پاراڭ [ 2012-09-08 23:12:59 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ئوتتۇرا باشلانغۇچ قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۇش مەش [ 2012-08-11 01:05:11 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتېماتىكا مەشىقچىسى-小学数学练习机 [ 2012-08-11 00:57:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر