پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغا

يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-05 12:12 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ %40 نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان.
تەلەي +1

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي

 

مۇھەممەدتۇرسۇن ئەخمەت

 

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي
 

   قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى تەلىم – تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە – يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە – يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە – يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە – يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە – يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە – يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل – يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە – يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل – يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە – يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

   مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى تائامدەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىنى قانداق بەرگۈلۈك؟ بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بەرگۈلۈك. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتلەشكەن قائىدە – يوسۇنلارنىڭ بۇلىقى. بۇ «بۇلاق» پەرزەنتلەر قائىدە – يوسۇننى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى تېز بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇلۇق. پەرزەنتلەردە ئۆسۈپ – يېتىلىش مەزگىلىدە دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى تەبىئىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ %40 نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قائىدە – يوسۇنلۇق بولغىنى تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي بولغۇلۇق. تەربىيەدە ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ بۇيرۇق بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا قائىدە – يوسۇنلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇننى ئىما – ئىشارەت بىلەن، ئۆيگە قايتقاندا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىلدۈرگۈلۈك. شۇنداق قىلىپمۇ قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ.    

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنى زىيادە ماختىغاندا، ئۇلاردا پاسسىپ كەيپى [ 2012-07-05 12:39:26 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارغا بولغان ئامراقلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلى [ 2012-07-05 12:37:01 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئورۇنسىز جېدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلىدە [ 2012-07-05 12:34:38 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] قىسمەن ئىچىملىكلەر بالىلارنىڭ چىشىغا زىيانلىق [ 2012-07-05 12:29:48 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسرىشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك [ 2012-07-05 12:27:35 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسراشتىكى يەتتە پىرىنسىپ [ 2012-07-05 12:23:59 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار [ 2012-07-05 12:20:11 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] قول–پۇت ۋە ئېغىز ئەسۋەلەش ئەۋج ئېلىش مەزگىلىگە قە [ 2012-07-05 12:17:46 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن تېرە راكى بولمايدۇ؟ [ 2012-07-05 12:08:12 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ تاللىشى [ 2012-07-04 22:09:04 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر