![]() |
بالىنىڭ تاللىشى
ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى ![]() دىلشات بىلەن دىلبەرنىڭ تالىشىشى ئەۋجىگە چىقتى. -مەن ئالىي مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاتا – ئانامنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل بالا بولغاندىكىن مەن بىلەن بىللە تۇرسا مۇۋاپىق، -دېدى دىلشات. -مەن بالىلار مائارىپى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەن بىر ئانا، يۈرەك پارەمدىن ئايرىلالمايمەن، دادىسى ھاراقكەش، ئۇنىڭ بىلەن تۇرسا بالىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ، -دېدى دىلبەر كەسكىن ھالدا. سوت جەريانىدا ئەر – خوتۇن ئۆي – جاي، بانكا ئامانەت پۇلى قاتارلىق ئورتاق مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈشتە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ئوغلى دىلمۇراتنى بېقىش ھوقۇقىدا تالىشىپ قالدى. دىلبەر ئېرىنىڭ ھاراقكەشلىكىنى، كەچكىچە ئاغىنىلىرىم دەپ ئۆيگە قارىمايدىغانلىقىنى؛ دىلشات دىلبەرنىڭ تۈگىمەس چايلىرىنى، خەقتىن ئۈستۈن تۇرىمەن دەپ ئەسەبىيلەرچە كىيىمگە بېرىلىشىنى، بالىنى تەربىيەلىيەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىر – بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ، سوتقا قاتناشقانلارنىمۇ خىجىل قىلىۋەتتى. -دىلمۇرات، ئاتا – ئاناڭ ئاجراشماقچى بولۇۋاتىدۇ، ھەر ئىككىيلەن ساڭا ئامراق ئىكەن، ئۇلار سېنى تالىشىشتا كېلىشەلمىدى، كىم بىلەن تۇرۇشنى خالايسەن؟ -دېدى سوتچى بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن. دىلمۇرات دەسلەپتە ئەتراپتىكىلەرگە سوغۇق نەزەردە قاراپ چىقتى، ئاندىن خۇددى بوينىغا تاش ئېسىلغاندەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىم تۇردى. ئۇ شۇ تاپتا مۇدھىش بىر خەۋەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك ساراسىمدە ئىدى. باش سوتچى سوئالنى تەكرارلىدى، بۇ چاغدا دىلمۇرات بىردىنلا جىددىيلىشىپ، ئەسەبىيلىكى تۇتقان يولۋاستەك ئېتىلىپ بېرىپ، ئاۋۋال دادىسىغا، ئاندىن ئانىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ جان – جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى: - مەن سىلەرگە ئۆچ، ھېچقايسىڭلار بىلەن تۇرمايمەن. بۇنداق تىرىك يېتىم بولغۇچە...! دېگىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ سىرتقا ئېتىلدى. سوتخانا پاتىپاراق بولۇپ كەتتى، دىلشات بىلەن دىلبەر بالىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى... ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى تېلېفوندا دىلشات بىلەن دىلبەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى.
|