![]() |
ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويماسلىقى كېرەك بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئاتا – ئانىلار ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالىلىرىنى ھەر خىل قىزىقىش سىنىپلىرىغا بېرىدۇ. بالىلىرى ئۆگىنەلمىسە ياكى تەلەپكە يەتمىسە، جازالايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا مەنپەئەتنىلا ئويلىماسلىقىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. سىلەر «ساغلاملىق» دېگەن سۆز ئۈستىدە ئويلىنىپ، بالىلىرىڭلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. ئەگەر ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئۆز يولىدا ياشىغىلى قويسا، بالىلار يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. ھەقىقىي مائارىپ بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلاردا مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتى ۋە ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. مائارىپ مۇھەببەتكە تولغان كەسىپ. مېنىڭچە، بالىلارنىڭ خاراكتېرىغا باققان مائارىپ ئەڭ ياخشى مائارىپ. ئاتا – ئانىلارنىڭ قىلىدىغىنى بالىلىرىنىڭ ئورنىدا كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشتۇر.
|