![]() |
مۇھىت ۋە بالىلار تەربىيەسى
![]() تۇرمۇشتا بەزىلەر قانداق مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار كىچىكىدىنلا ئائىلە مۇھىتى، جەمئىيەت مۇھىتى، مەكتەپ مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە يېتىلىدۇ. بالىلارنىڭ يېتىلىش مۇھىتى ياخشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىسىمۇ، ئەمما بەزىلىرىنى چوڭلار بالىلىرىغا يارىتالايدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ناچار ئادەت، يامان خۇيلارنى ئۆگىنىپ قالسا، بۇنى ئۇلار جەمئىيەت مۇھىتى ۋە مەكتەپ مۇھىتىدىن كۆرۈپ، ھەرگىز ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوڭلارنىڭمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ياخشى مۇھىت ياراتسا تامامەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. مەلۇم بىر كىشىنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى ئۆيىدە ھېچقانداق ئىش قىلمايدىكەن، كىيىمىنى ئاتا - ئانىسى كىيگۈزۈپ قويىدىكەن، تاماقنى ئاتا - ئانىسى يېگۈزىدىكەن. بىرەر ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، ئاتا - ئانىسىدىن نارازى بولۇپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ، بالىسىنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سىنىماقچى بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەنلا بالىسىنى ئاۋسترالىيەدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە يولغا ساپتۇ. بۇ بالا ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگىلا ئاتىسىنىڭ دوستى ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ ۋە ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن «مەن دادىڭىزنىڭ دوستى، دادىڭىز ئاۋستىرالىيەدە يازلىق تەتىل توشقۇچە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، ئوبدان ئاتىدارچىلىق قىلىشىمنى تاپىلىدى. ئەمما، مېنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتىم يوق. چۈنكى مەن ئاتىڭىزغا قەرزدار ئەمەس. ئاتىڭىزمۇ ماڭا قەرزدار ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر - بىرىمىزگە يۆلىنىۋالماسلىقىمىز لازىم. سىز بۇ يىل 13 ياشقا كىردىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز. شۇڭا ئەتىدىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. ناشتىلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ. چۈنكى مېنىڭ خىزمىتىم بەك ئالدىراش. تاماقتىن كېيىن قاچىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ...» ۋەھاكازالار دەپتۇ. بىر ئايدىن كېيىن بۇ بالا تەتىلنى توشقۇزۇپ ئاۋسترالىيەدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ھەيران قاپتۇ. چۈنكى بۇ بالا پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇشلارنى ئۆزى قىلىدىغان بوپتۇ. ھەتتا باشقىلارغىمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاتا - ئانىسىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. بىز بۇ باياندىن مۇھىتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىغا سەل قارىماسلىقىمىزنى، مۇۋاپىق پەيتتە ئۇلارغا مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ سىناپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئەتراپتىكى، يىراق سەھرالاردىكى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئەگەر بالىلاردا تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىسا، بۇنداق بالىلاردا ئاتا - ئانىسىدىن، جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن ئاغرىندىغان ناچار خاھىش يېتىلىپ، ئۇلارنىڭ راھەتلىك سېزىمىگە تەسىر قىلىپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلاردا بەخت سېزىمى تۆۋەنلىسە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، ئۆگىنىشتە چېكىنىدۇ. بالىلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار دۇنياسى، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىدە بەخت سېزىمى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى ھېيت - ئايەم، بايرام ۋە تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يورتىمىزدىكى گۈزەل تاغ - دەريالار، سەھرالاردىكى جانلىقلار، چەكسىز كەتكەن چۆللۈكلەر ۋە خىلمۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ. بالىڭىز جانلىقلارنى، ئۇچار قۇشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىسۇن. خىلمۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى، گۈل - گىياھلارنى ئۆز قولى بىلەن تۇتسۇن، ئۇلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسۇن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى تېخى بىلمىگەن، بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇشقا، ھاياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىسۇن، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلسۇن. بىزدە بالىلارنى تولىمۇ ئەركىلىتىدىغان يامان ئادەت بار. نۇرغۇن ئاتا - ئانا ئۆزلىرىنىڭ چوڭلا بولۇپ قالغان بالىلىرىنى كىچىك بالا ئورنىدا كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يامان تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا كىچىك بالىغا ئەمەس، چوڭلارچە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. غەربلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە خۇددى چوڭلاردەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇلار ھەتتا تېخى مەكتەپ يېشىغىمۇ توشمىغان بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ دوستىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بالىلىرىنىڭ پىشمىغان چۈچۈك گەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ھەر قانداق سوئالىنى جاۋابسىز قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۆزىنى كىچىك دېمەي، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىنىڭ خالىغان ئويلىرىنى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىمالال ئورتاقلىشالايدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە مۇھىتى بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاجىز بولسا، نۇرغۇن ئىشتا بالىلىرىغا ئۈلگە بولالمايدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا ھەر بىر ئىش - ھەرىكەتتە ئۇلارغا ياخشى تەسىر بېرىپ، بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىدىن پەخىرلەندۈرەلىشى لازىم. ئەگەر يولدىشىڭىزغا ۋارقىراپ - جاقىراشنى ئادەت قىلىۋالغان بولسىڭىز، بالىڭىز سىزگىمۇ ۋارقىراپ - جارقىرىسا، ئەجەبلەنمەڭ. چۈنكى بالىڭىز سىزدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە جەمئىيەت مۇھىتى، مەكتەپ مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ رولى، بەكمۇ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ قېشىدا قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ، سۆزلىگەن ھەر ئېغىز سۆزنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز، ھەممىدە ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
|