پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-23 13:42 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بوۋاقلارنىڭ پوتلىسىنى تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچمۇ يېېقىنقى يىللاردىن بېرى بازار تاپقان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
تەلەي +1

پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

 

جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن بوۋاقلار بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى كۈندىن -كۈنگە يېڭىلىنىپ، تۈرلۈك يېڭى ئەسۋابلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ پوتلىسىنى تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچمۇ يېېقىنقى يىللاردىن بېرى بازار تاپقان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق مەخسۇس كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىكى مۇدىر ۋىراچ كىلارە غوپۇردىن ئىگىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ پوتلىسىنى تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچ گەرچە يۇمشاق بولسىمۇ، بوۋاقلارنىڭ بۇرنى بەك يۇمران بولغاچقا، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدىكەن. پوتلا سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلمىسا، بوۋاقلارنىڭ بۇرنىدىكى تۈكنىمۇ بىراقلا يۇلۇۋېتىدىكەن. بۇنداق ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانسا، بوۋاق چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆپ بولىدىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ قالسا، پوتلىسى قەقەشلىشىپ، بۇرۇن تۆشۈكىنى توسۇۋالغاچقا، بۇرنىدىن غەلىتە ئاۋاز چىقىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، پوتلا تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچ بىلەن بوۋاقنىڭ بۇرنىنى تازىلايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بوۋاق تېخىمۇ بىئارام بولىدىكەن. بوۋاقنىڭ بۇرنىنىڭ پۈتۈپ قېلىشى نوقۇل پوتلىسىنىڭ قەقەشلىشىپ قېلىشىدىن ئەمەس، بەلكى بوۋاقنىڭ ئىسسىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئانا سۈتىنى بوۋاقنىڭ بۇرنىغا تېمىتىپ، قەقەشنى يۇمشىتىپ چىقىرىۋېتىش ئىكەن. بەزى سۈتى يوق ئانىلار ئىلمان قايناقسۇنى بوۋاقنىڭ بۇرنىغا تېمىتىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتسە بولىدىكەن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىكى « قورقۇش كېسىلى» كېسەللىك ئەمەس [ 2012-04-23 13:43:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى [ 2012-04-23 13:42:19 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆز ئاسراش چىرىغى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدى [ 2012-04-23 13:40:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ساغلاملىق بويۇملىرىغا قالپاق كىيگۈزۈش ئۇيۇنى قاچا [ 2012-04-23 13:38:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن بۇ سانغا قاي [ 2012-04-23 13:35:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلگەكچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى [ 2012-04-23 13:29:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ 2012-04-23 13:27:14 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەدلىيە ئىزاھاتى توغرىس [ 2012-04-23 13:25:00 ]
[تارىخى بىلىملەر] خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى [ 2012-04-18 12:11:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوش [ 2012-04-18 12:09:00 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر