![]() |
بوۋاقلاردا تۆت خىل بۇرۇن ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدۇ جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى: بوۋاقلار زۇكامداپ قالغاندا بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسى ئىششىو قېلىپ، قان تومۇرىغا قان ئۇيۇپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋاللارنى زۇكامنىڭ ئالامىتى دەپلا بوۋاقلارنى كېسەل كۆرسەتكىلى ئاپارمايدۇ.زۇكام ياخشى بولۇپ قالغىلى بىلەن بۇرۇن ياللۇغىنى دەل ۋاقتىدا داۋالاتمىغانلىقتىن جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى: ئەگەر جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى تۆت ھەپتىدىن كۆپرە ۋاقىت ئۆتسىمۇ يەنىلا ساقايمىسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بەزى بوۋاقلارنىڭ بۇرنىنىڭ تۈۋى ئىششىپ قالغاندەك بىلىنىدۇ، ئىشتىھاسى ئازلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى: ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان زىيادە سەزگۈزلۈك بۇرۇن ياللۇغى پەسىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. باھار كېلىپ گۈل-چېچەكلەر ئېچىلغاندا، بوۋاقلاردا گۈل چېڭىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ، بۇرنى تىقىلىش، چۈشكۈرۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن كاۋاكچىسى ياللۇغى: بۇرۇن كاۋاكچىسى ياللۇغىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغان پۈتۈن بەدەن ئالامىتى بولىدۇ، مەسلەن، بېشى ئاغرىيدۇ، قىزىيدۇ، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ... جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكچىسى ياللۇغىنى دەل ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكچىسى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
|