![]() |
بالىڭىزغا ئاپېلسىننى كۆپ بەرمەڭ ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، قەنت، يىرىك تالا بولۇپ، كىشلەر ياخشى كۆرىدىغان مېۋە. ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە مول بولغان كاروتىن بار. كاروتىن جىگەردە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ. كۆپ مىقداردىكى كاروتىن كىچىك بالىلارنىڭ جىگىرىدە دەل ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنماي، قان بىلەن بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چۆكۈۋېلىپ، بەدەندە ناچار رېئاكسىيەلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى بالىلار ئاپېلسىننى كۆپ يەۋالسا، قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، تىل ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا بالىلار ئاپېلسىننى كۆپ يېسە بولمايدۇ. ئەگەر كۆپ يەۋالغان بولسا، بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە ئاپېلسىن يېمەسلىك كېرەك.
|