![]() |
ئەقلىي قابىليىتى تۆۋەن بالىلارنى بايقاش ۋە داۋالاش
![]() مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار نېرۋا ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى يەن ۋۇدىن ئىگىلىشىچە، ئادەتتە بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنىڭ نورمال يېتىلىش باسقۇچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 15㎝-20㎝ يىراقلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندە تەبىئي ھالدا يۈزىنى شۇ تەرەپكە ياكى يورۇقلۇق چۈشكەن تەرەپكە بۇرايدىغان؛ ئىككى ئايغىچە تەبىئىي يىغلايدىغان ياكى كۈلىدىغان، ئۈچ ئايغىچە ئاتا - ئانىسىنى تونۇيالايدىغان ، بېشىنى كۆتۈرەلەيدىغان؛ تۆت ئايلىق بولغاندا ھەقىقىي ئىنكاسلىق كۈلۈشنى بىلىدىغان بولىدىكەن. بەش ئايلىق بولغاندا قولىنى سوزۇپ نەرسىلەرنى تۇتۇشنى ، ۋاقىراشنى بىلىدىغان؛ ئالتە ئايلىق بولغاندا ئۆز كىشىلىرى بىلەن يات ئادەملەرنى پەرق ئېتىشنى ، ئولتۇرۇشنى بىلىدىغان ؛ يەتتە - سەككىز ئايلىق بولغاندا تىلى چىقىپ، ئۇششاق ئويۇنچۇقلارنى ئويناشنى بىلىدىغان؛ 12 ئايلىق بولغاندا كۇبىكتا ئۆي ۋە ھەر خىل شەكىللەرنى تىزىپ ياساشنى، قەغەزگە قالايمىقان سىزىشنى ، رەسمىي مېڭىشقا تەمشىلىدىغان بولىدىكەن. ئەگەر ئاتا - ئانىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغاندىكىدەك تەدرىجىي يېتىلىش باسقۇچلىرى داۋامىدىكى بەلگىلىك ئىنكاس ۋە ھەرىكەت ئىپادىلىرىنى ، بالىلىرىنىڭ زىيادە جىمىغۇر، جېدەلخور،ھېسسىي سېزىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئالاقىلىشىش، ئۆگىنىش ، دوراش ئىقتىدارىنىڭ ناچار بولۇشىدەك ئەھۋاللارنى بايقىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشى كېرەك ئىكەن.
|