![]() |
بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتكە سەل قارىماڭ ئاتا-ئانىلار بالىلاردا قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، نېمە سەۋەبتىن بولغانلىقىنى، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، دىققىتىنى يىغالماسلىق، سەۋرچانلىقى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇچان بولۇش، يىغلاڭغۇ، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئانا سۈتى يېتىشمىگەن بوۋاقلاردا قەۋزىيەت ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا بوۋاقلار ئانىسىنى ئېمىتىشتىن يېمەكلىك يېيىش باسقۇچىغا ئۆتىدىغان بولغاچقا، كۆكتات يېمەيدىغان بوۋاقلاردا بۇ خىل كېسەللىك كۆپ كۆرۈلىدۇ. قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن: 1. بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش سەۋەبىنى تېپىش، ئانا سۈتى يېتىشمىگەنلىكتىن قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، سۈت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. 2. سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلار قەۋزىيەت بولسا، بۇ پاراشوك تەركىبىدىكى كازىئېن كۆپ بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، پاراشوكقا شېكەر ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. 3. شەربەتنى كۆپرەك ئىچۈرۈش كېرەك.
|