![]() |
ساغلاملىق بويۇملىرىغا قالپاق كىيگۈزۈش ئۇيۇنى قاچان توختايدۇ؟ ۋېي يىڭجيې دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ئىچكى قىسىمدا چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشتا بۇرمىسىمان يۈسۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان 13 كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئۆلچەمسىز» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، سىرتقا ئېلان قىلىنغان ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاران بىر كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئۆلچەمسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىلغان «مەسىلە بار مەھسۇلاتلار» پەقەت «گۇمانلىق بولغان تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك مەھسۇلاتلار» ئىكەن. ئەمما «نەزەر» ئاخبارات ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ«يېشىل قالپاق»لىق مەھسۇلاتلار (يەنى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى)نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىلىرىدا يۇچۇق بارلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تۇنجى قېتىملىق نەتىجىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن چېتىشلىق كارخانىلار بېيجىڭغا بېرىپ «ئۆتكەلدىن ئۆتۈش»مەكچى بولۇشقان. كەسپىي ئەربابلارنىڭ دېيىشىچە، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ توپلاپ تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئۆلچەم، تەكشۈرۈش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بىر گەۋدىلىك بولۇپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە تەڭ قاراشنى ئورۇنداپ كېتىشى قېيىن ئىكەن. بۇ يەنە كېلىپ «باشقۇرۇپ نازارەت قىلغۇچىنى كىم نازارەت قىلىش»تىن باشقا مەسىلە ئەمەس. نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار كارخانىلارنى جازالاش ياكى مېھرى-شەپقەت قىلىش چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەكىسچە، قاتتىق بولغان ھوقۇق ئارقىلىق نازارەت قىلىشى يېتەرسىز بولغاچقا، ئىجارە بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدۇ، كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاشكارىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئۇلارنىڭ گەپ ئوينىتىش يوللىرىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىشىمۇ نورمال ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ، بۇ خىل گەپ ئوينىتىش مۇۋاپىقمۇ-مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟ قانۇندىن ھالقىپ چۈشۈپ سېتىۋېلىش قىلمىشى، جازالاشقا ئۇچرامدۇ-ئۇچرىمامدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئەگەر باشقۇرغۇچى پايدىغا ئېرىشىشكە جۈرئەت قىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە جازالاشقا ئۇچرىمىسا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەردە ئارقىسىدىكى سودا بارغانسىرى غالجىرلىشىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ھەتتا مەقسەتلىك ھالدا «سىگنال» بېرىپ، كارخانىلارنى «ئۆزىنىڭ قوينىغا ئېتىپ، سوۋغات بېرىپ تۇرىشىنى» ساقلاپ تۇرۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ھادىسىدە، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ياكى تەكشۈرگۈچى ئورگانلار كارخانىلاردىن مەنپەئەتكە ئېرىشتىمۇ-ئېرىشمىدىمۇ، بۇنى ۋاقتىنچە مۇھاكىمە قىلماي تۇرايلى. چۈنكى، يەكۈنى قانداق بولمىسۇن، ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ بەك چوڭلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر پاكىتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىراق، ھوقۇق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن چىرىكلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. كۆك قالپاقلىق مەھسۇلاتلارنى مېسالغا ئالساق، قائىدە بويىچە بۇلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ ئېتراپ قىلىنغاچقا كىشىلەر خاتىجەم بولۇشى كېرەك. بىراق بازاردىكى رەڭگارەڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ ئېتراپ قىلىشتىن ئۆتكەن ساغلاملىق بويۇملىرىنىڭ قانچىلىكى ئىشەنچىلىك؟ مەسىلەن، بىرلا ۋاقىتتا جاكارلانغان «مەزمۇنى ئالدامچىلىقا تولغان» بېلىق مېيى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئەھۋالى ئوخشاشلا ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىر قىسىم بېلىق مېيى مەھسۇلاتلىرىنىڭDHAتەركىبى سەل تۆۋەن بولغاندىن باشقا، بىر مۇنچە زاۋۇتلار يەنە ژېلاتىنالىق داشقاللارنى قايتا يىغىۋېلىپ، دائىم خام ماتېرىيال قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇكى، بۇ خىل مەھسۇلاتلار كۆك قالپاقلىق ئېتراپ قىلىشتىن قانداق ئۆتكەن؟ بىر خىل ئىدىيەدىكى خاتا قاراش بولۇپ، بىرەر يەردە مەسىلە كۆرۈلسە كىشىلەر دائىم دېگۈدەك ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇراجەت قىلىدۇ. شۇنىسى نامەلۇمكى، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قانۇننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا تەڭ ئەمەس، بۇ چاغدا كىشىلەرگە ئەڭ زۆرۈر بولغىنى قانۇن، ھەرگىزمۇ ھوقۇق ئەمەس. «نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىنى كىم باشقۇرۇشى كېرەك» دېگەن مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى، قانۇن بىلەن تىزگىنلەشنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھەرگىزمۇ تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق ئارقىلىق قوقۇقنى چەكلەشتىن كېلىپ چىققان ئەمەس. مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، قاتلاممۇ-قاتلام نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا تايانغاندىن كۆرە، بىر تۈرلۈك يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك قانۇنغا تايىنىش ئەۋزەلرەك. قالپاق كىرگۈزۈش ئويۇنى قاچان توختايدۇ؟ ئەگەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر قانچە قىلسىمۇ قانۇندىن ئىبارەت بۇ «ئەۋلىيا»نىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇلالمايدىكەن، ئويۇن تەبىئىي ھالدا ئۆزگەرتىپ ئوينىلىۋېرىدۇ.
|