![]() |
كەسپىي كېسەللىكلەرنى نازارەت قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى مۇخبىرنىڭ 16-ئاپرېل سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۇقتىلىق كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش ئالاھىدىلىكى، كۆلىمى ۋە يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن سەھىيە مىنىستىرلىقى 2009-يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە 120 نازارەت ئورنى تەسىس قىلىپ، ئۆپكىگە چاڭ-توزاڭ ئولتۇرۇپ قېلىش كېسەللىكى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسپى كېسەللىكلەرنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەھىيە مىنىستىرلىقى 16-ئاپرېل «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپى كېسەللىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى كەسپى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە كەسپى كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارلىشى، كەسپى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ۋە كەسپى كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپى ساغلاملىق تەكشۈرۈشى، كەسپى كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە باھالاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سەھىيە نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى كەسپى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپى دىياگنوز قويۇش ئاپپاراتلىرىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
|