پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن بۇ سانغا قاي

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-23 13:35 مەنبەسى: پەلسەپە–ئىجتىمائ ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۇڭگو ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 656 ئامېرىكا دوللىرى ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 4134 يۈەن بولۇپ ، 72 دۆلەت ۋە رايونن
تەلەي +1

جۇڭگو ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن

 

بۇ سانغا قايسى تارماقتىن ئېرىشكەن؟

 

    ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يېقىندا دۇنيا بويىچە 72 دۆلەت ۋە رايونغا قارىتا كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمنى ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان . بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 1480 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9327 يۈەن بولىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 656 ئامېرىكا دوللىرى ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 4134 يۈەن بولۇپ ، 72 دۆلەت ۋە رايوننى تەكشۈرۈشتە 57-ئورۇنغا تىزىلغان .( -4ئاپرېل جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى)

    جۇڭگو رادىيو تورى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەر ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېلىمىز ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھەقىقىي ئىستاتىستىكىلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ، ئۇلار جۇڭگو ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ كونكىرت كىرىم ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەپسىلىي سانلارغا قايسى تارماقتىن ئېرىشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ . ئەگەر بۇ سانلار راست بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئېلىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلىرنىڭ ئايلىق مائاش كىرىمى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ ، دۇنيا بويىچە ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاش سەۋىيەسىنىڭ %50 گە يەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4089 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ليوكسىمبورگ بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق تېخىمۇ چوڭ بولۇپ ، يەتتە ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ.

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى ئېلىمىز شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي كىرىمى 23 مىڭ 979 يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن ، بۇ مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ، مالىيە خاراكتېرلىك كىرىم، تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىم ۋە يۆتكەش خاراكتېرلىك كىرىمدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئەگەر دۆلەت يەنە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ئۆلچەيدىغان بولسا، ئېلىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاش سەۋىيەسى ئاران دۇنيا بويىچە ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشنىڭ %20 دىن كۆپرەك بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە 2000 يۈەنلىك ئايلىق ئوتتۇرىچە قىممەت مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ، مالىيە خاراكتېرلىك كىرىم ، تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىم ۋە يۆتكەش خاراكتېرلىك كىرىمدىن ئىبارەت 4 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ، ئېلىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ دۇنيانىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى ، ئەڭ كۆپ بولغاندا دۇنيا ئايلىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئاران 4/1 توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، دۇنيا بويىيە ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كىرىمى ئەكىسچە دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلى يىراقتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .بىز سوتسىيالىستىك دۆلەت خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان دۆلەت ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئاساسىي چىقىش نۇقتىمىز ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئاخىرىقى نىشانىمىز.

    دۆلىتىمىزنىڭ ئىككىن يىغىنىدىن كېيىن ، خەلق گېزىتى كەينى-كەينىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ، ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەپ ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىككى يىغىندا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى تەكىتلىدى . جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ، ئالدى بىلەن خەلق رايىنىڭ مۇقىملىقىغا باغلىق خەلق رايىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئەڭ ئاساسلىق ، ئەڭ ئەقەللىي رېئال مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك . مەكتەپكە كىرىش قىيىن بولۇش ، كېسەل كۆرسىتىش قېيىن بولۇش ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ئۇلانى غەمگە سېلىپ قويۇۋاتقان رېئال مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى . مال باھاسى ئۆرلەپ ، مال باھاسى تىزگىنلەنمىدى ، كىم ئۆرلىتىمەن دېسە. ئۆرلىتىۋېرىپ ، ئۆرلىتىشتىكى باھانىلىرى يەنە ناھايىتى يىتەرلىك بولۇپ ،«ئامال يوق ھەممەيلەن ئۆرلىتىۋاتسا، مەن ئۆرلەتمىسەم قانداق بولىدۇ ؟» دېگەن گەپلەرمۇ چىقتى . 10 يۈەنگە نېمە سېتىۋالغىلى بولىدۇ ؟ دېگەن گەپ ھەر قايسى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قىزغىن مۇھاكىمە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى . بۇ يۇقىرى مال باھاسى ، مال باھاسىنى قالايمىقان ئۆرلىتىۋېتىشكە قارىتىلغان ئەڭ كۈچلۈك سادا.

    مائاشنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان-ئۆتەلمەيدىغانلىقى پۇقرالار ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى . دۆلەت مائاشنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم مال باھاسىنى تىزگىنلەش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا مائاش بىلەن مال باھاسى ئاساس بىلەن بىللە يۇقىرى ئۆرلەش ئۇيۇنىنى ئويناپ ، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي كىرىمىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى ئاز ۋە ئاستا بولىدۇ . مال باھاسىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ ، مال باھاسى مۇقىم بولىدىكەن خەلقنىڭ كۆڭلى تىنجىيدۇ ، شۇڭا مال باھاسىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش بىلەن مال باھاسىنى باشقۇرۇشنى چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا چىڭ تۇتۇپ ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ پۇقرالارغا ئېلىپ كېلىدىغان غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئورنىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىلەن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىغان ئوتتۇرىچە مائاش پەرقىنىڭ مۇشۇنداق غايەت زور بولۇشى توغرىسىدا ، ئالاقىدار تارماقلار پۇقرالارغا چۈشەنچە بېرىش كېرەك ، ئۇنداق قىلمىغاندا جۇڭگو ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 4134 يۈەن ئىكەنلىكىنى پۇقرالار چۈشىنەلمەي ئەجەپلىنىپ قالىدۇ، 4134 يۈەن ئايلىق ئوتتۇرىچە مۇئاش زادى قانداق كېلىپ چىققان؟

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىكى « قورقۇش كېسىلى» كېسەللىك ئەمەس [ 2012-04-23 13:43:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى [ 2012-04-23 13:42:19 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆز ئاسراش چىرىغى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدى [ 2012-04-23 13:40:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ساغلاملىق بويۇملىرىغا قالپاق كىيگۈزۈش ئۇيۇنى قاچا [ 2012-04-23 13:38:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن بۇ سانغا قاي [ 2012-04-23 13:35:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلگەكچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى [ 2012-04-23 13:29:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ 2012-04-23 13:27:14 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەدلىيە ئىزاھاتى توغرىس [ 2012-04-23 13:25:00 ]
[تارىخى بىلىملەر] خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى [ 2012-04-18 12:11:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوش [ 2012-04-18 12:09:00 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر