![]() |
بالىلاردىكى « قورقۇش كېسىلى» كېسەللىك ئەمەس
![]() يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ بالىلاردا بىر خىل قورقۇش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنى كېسەللىك، دەپ قاراپ، بىر قىسىملىرى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ مەسلىھەت سورىماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ قورقۇش كېسىلى بولماستىن، كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھازىر بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. بالىلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن روھىي بېسىمى ئېشىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىش، دەرستىن قېچىش، يالغان ئاغرىق بولۇۋېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ خىل پىسخىك ئۆزگىرىشكە توغرا قاراپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى، ئۇلارغا بېسىم بولىدىغان گەپ -سۆزلەرنى ئاز قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بېرىشى كېرەك.
|