![]() |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلگەكچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى
سادىر سابىر (نەزەرى) ![]() ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىككە ماھىر مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات ۋە ئىجىتىمائى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى جەريانىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەنە شۇ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلگەك-كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر خىل تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قورالى بولۇپ ھېسابلىنىلىدۇ. ئەلگەك-ئادەتتە، ئاساسلىقى، ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىرى-ئەلگەك، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغانلىرى بولسا-غەلۋىر، ئۆتكەمە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئەلگەك يەنە،توقا (قېلىن) ئەلگەك ۋە ژۇپقا ئەلگەك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئەلگەك ئاساسەن، چەمبەر شەكىللىك بولۇپ، ئۇنى ياساشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قاسقىنىنى ھۆل تېرەك ياكى سۆگەت ياغىچىنى شال قىلىپ تىلىپ، ئىگىپ، چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، توقا ئەلگەكنىڭ تۆشۈكچىلىرى قېلىنراق، ژۇپقا ئەلگەكنىڭ تۆشۈكچىلىرى سەل شالاڭراق قىلىپ ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدا توقۇلىدۇ. ئۇنى ئۇن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يۇمشىقى بىلەن يىرىك قىسمىنى تاسقاپ ئايرىپ ئىشلىتىشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، يەنى يىرىك ئاشلىقلارنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى تاسقاپ، ئايرىپ ئىشلىتىشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرى بولسا غەلۋىر ۋە ئۆتكەمە دېيىلىدۇ. غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمە ئاساسلىقى ئۆچكە تېرىسى ياكى ئۆچكىنىڭ ئۈچىيىدە توقۇلىدۇ. بۇ خىلدىكى غەلۋىر ۋە ئۆتكەمە-شىر غەلۋىر، شىر ئۆتكەمە دېيىلىدۇ. غەلۋىرنىڭ تۆشۈكچىلىرى سەل قېلىنراق، ئۆتكەمىنىڭ تۆشۈكچىلىرى سەل چوڭراق قىلىپ توقۇلىدۇ. مەيلى قايسى تۈردىكىلەر بولسۇن ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەلگەك دەپ ئاتىلىدۇ. پەقەت ھەر بىرسىنىڭ ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئوخشاش بولمايدۇ. شىر غەلۋىر ۋە شىر ئۆتكەمىنى توقۇشتا ئەلگەكچى ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئۆچكە تېرىسىنى ئاۋۋال، بىر نەچچە كۈن قىززىق قىغنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ ئاشلاپ، تېرىنىڭ تۈكى چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى ئىتتىك پىچاق بىلەن ئۇششاق-ئۇششاق تاسما قىلىپ تىلىپ تەييارلاپ، ئاندىن ئۇنىڭدا غەلۋىر ۋە ئۆتكەمىنى توقۇيدۇ. توقا ئەلگەكنى ئەجداتلىرىمىز بۇرۇن ئاشلىقلارنى ياغۇنچاق ياكى تۈگمەنلەردە ئىزىپ ئۇن قىلغاندىن كېيىن ئۇنى تاسقاپ، ئۇننىڭ كىپىكى ۋە يىرىك قىسمىنى ئايرىۋىتىپ، يۇمشىقىدا يەنى بۇغداي ئۇنى بولسا لەغمەن، چۆپ، چۆچۈرە، ئۈگرە، بۇغداي نېنى قاتارلىق ئالاھىدە بۇغداي تائاملىرىنى، ئەگەر قوناق ئۇنى بولسا، ئۇماچ، زاغرا نان قاتارلىق قۇناق تائاملىرنى ئېتىشتە ئىشلەتكەن. ژۇپقا ئەلگەكنى ئۇننى تاسقاپ، ئۆرۈپ يۇمشىقىنى ئايرىۋىتىپ، كىپىكىنى چارۋا ماللارنى بېقىشقا، يىرىك قىسمىنى بۇغداي يامىسى، قۇناق يامىسى قاتارلىق تائاملارنى ئېتىپ يىيىشتە پايدىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەلگەك يەنە، تىبابەتچىلىكتە تالقان دورىلارنى تاسقاپ ياساش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئەجداتلىرىمىز ئىلگىرى، غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىنى بۇغداي، قۇناق، شال، ئارپا، تېرىق قاتارلىق ئاشلىقلارنىڭ دانلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ دانلارنى شاخ-سامانلىرىدىن ئايرىۋېلىشتا ئىشلەتكەن. يەنى ئۇلار خاماننى تىپىپ تەييارلاپ، ئارا بىلەن شامالغا ئېتىپ سورۇپ بولغاندىن كېيىن، چەشلەرنى ئاۋۋال ئۆتكەمىدە تاسقاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن غەلۋىردە ئۆرۈپ دانلارنى توپا، ئوت-چۆپ ئۇرىقى ۋە ئەخلەتلەردىن ئايرىش، شۇنداقلا باشقا نەرسىلەرنى تاسقاپ ئايرىپ ئىشلىتىشتە پايدىلىنىپ كەلگەن. ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇن تاسقايدىغان ئەلگەكلەر سىم تور ۋە خىمىيىۋى تالالىق يىپلاردا، غەلۋىر ۋە ئۆتكەمىلەر بولسا ئۇششاق سىمدا ياسىلىدىغان ياكى توقۇلىدىغان، (كېيىنچە سىمدا قوش كىشىلىك ئۆتكەمىمۇ توقۇلۇپ، خامان، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىدىغان) بولدى. ئەپسۇسكى، ھازىر دان ئايرىيدىغان زامانىۋى ماشىنا، ئۈسكۈنە ۋە زامانىۋى ئۇن زاۋۇتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئەلگەكلەر بارغانسىرى ئىستېمالدىن قالماقتا.
|