باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-18 12:11 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرھۇم»، «مەرھۇمە»، «رەھمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر.
تەلەي +1

خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى

ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت

 

 كۆپ يىللىق ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خەلقىمىزدە ھەر خىل پەرھىز سىستېمىسى شەكىللەنگەن. گەرچە بۇنداق مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بۇرۇنلا تەتقىق قىلىنىپ، بىر مۇنچە نەتىجە يارىتىلغان بولسىمۇ، بىزدە بۇ ساھە تېخىچە ئاجىز ھالەتتە. شۇڭا، ئىجتىمائىيىتمىزدە شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇرەككەپ، مەنبەسى ئېنىقسىز پەرھىزلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمامدا مەن تىل پەرھىزىمىزدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن:

    مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا شەكىللەندۈرگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر مۇئەييەن ئادەتلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە چەكلىمىسىدە بولىدۇ. بىر مىللەت ياكى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئۇلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خاس ئادەتلىرى گويا ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دەۋردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ، ياخشىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدۇ.

    ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تىلنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلەش رولىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، قانداق شارائىت – سورۇندا نېمىنى دېيىش – دېمەسلىكتەك، مۇقەددەسلەنگەن ياكى ناپاك دەپ قارالغان شەيئىلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئېغىزغا ئالماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بۇنداق ئادەتلەر كېيىنچە كىشىلەرنى تىل جەھەتتىن چەكلەيدىغان پەرھىزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «دېيىشكە بولمايدۇ»،«دېسە ياخشى ئەمەس»،«دېيىش مەنئى قىلىنغان»،«دېمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر تىل پەرھىزلىرىدىندۇر. بۇلاردىن مەسىلەن:

. 1ئۆلۈم – يېتىملاردا دىققەت قىلىنىدىغانلىرى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا ئۆلۇم – يېتىمگە ئائىت تىل پەرھىزلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنى «ئۆلدى» دېيىش چەكلىنىدۇ. مەسىلەن،«كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 13 – كۈنى ئۆچتى». بۇ جۈملىدىكى «ئۆچتى» سۆزى «ئۆلدى» مەنىسىدە بولۇپ، بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېيىشتىن پەرھىز تۇتۇلغان. بۇ ئادەت دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن ئادەمنى بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېمەي، «بولالماپتۇ»، «ساقىيالماپتۇ»، «ۋاپات بوپتۇ»،«ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ»، «قازا قىپتۇ»، «تۈگەپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئۆينىڭ چوڭلىرى قازا قىلسا «ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈپتۇ»، بوۋاقلار قازا قىلسا «چاچراپ كېتىپتۇ»، «چەتنەپ قاپتۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

    ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاشمۇ مۇسىبەت مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ بولۇپ، ھاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرھۇم»، «مەرھۇمە»، «رەھمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر.

.2 ئەدەپ – ئەخلاققا دائىر تىل – نۇتقىمىزدا. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ – ئەخلاقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىز، مېيىپ، ئاغرىقلارنى ئاسراش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى. بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمى، لەقىمىنى بىۋاسىتە ئاتاش، مېيىپلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ھەرقانداق شارائىتتا تىلغا ئېلىش، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان لەقەم بىلەن ئاتاش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاكا، ئاچا، ھەدە، تاغا، ھامما، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، موما، بوۋا» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادەتكە ئايلانغان.

 . 3 نىكاھ ۋە تۇغۇتقا دائىر پەرھىزلەر. خەلقىمىزدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ قانداقتۇر يىگىتلەرنى «خوتۇنسىراپ قاپتۇ»، قىزلارنى «ئەرسىرەپ قاپتۇ» دېگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇلاققا يېقىشلىق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىغان سۆزلەر بىلەن، يەنى قىزلارنى «بويىغا يەتتى، چوڭ بولۇپ قالدى»، يىگىتلەرنى «بۇرۇتى خەت تارتىپ قالدى»،«ياتلىق قىلىش»،«تالالىق قىلىش»، «قىز چىقىرىش»، «ئۆيئوچاقلىق قىلىش»،«بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش»، «بېشىنى قوشۇپ قويۇش»، «ئۆيلەپ قويۇش» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تۇغۇتقا ئائىت تىل پەرھىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئاياللارنىڭ بويىدا قالسا «قوسىقىدا بالىسى بار» دېيىش پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، «ھامىلىدار»، «ئىككى قات»،« ئېغىر بوي»،«ئېغىر ئاياغ»،«بويىدا بار» سۆزلىرى بىلەن ئاتايدۇ. ئاياللار تۇغقاندا «تۇغدى» دېيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندا «يەڭگىدى»،«بوشاندى»،«يېنىكلىۋالدى»، «كۆز يورۇدى» سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز.

    تىلىمىزدا يەنە قارغىش تۈسىنى ئالغان سۆز – ئىبارىلەرنى دىيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان، يەنى «ئۆلۈم كەلمىگەن»،«ئۆلمىگۈر»، «تۇز كور»،«تۇز ئۇرسۇن»، «نان كور»،«بېشىنى يەيدىغان»،«چاقماق ئۇرسۇن»،«لەنىتى»،«دوزىخىي»، «سېسىپ ئۆلگۈر» قاتارلىق قارغىش سۆزلىرىنى خالىغانچە دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارغىش تۇتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

    تىل پەرھىزلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئۇچرايدىغان، تىل تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى، لەقىمىنى، ئەيىبىنى بىۋاسىتە دېيىش، شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە شۇ كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارالسا، مېيىپ، ئاجىز، مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ مېيىپلىقىنى ئەينەن ئاتاپ، دورىسا، كەمسىتسە بالىسى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، قارغىش سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قارغىسا، قارغىش ئۆزىگە يانىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

    تىل پەرھىزلىرى بىرىنچى، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز ئەينەن ئېيتىلماي، سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ياكى ئەگىتىپ ئېيتىلىسا، باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن، خاپا قىلىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تىل دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ تۆتىنچى، تىل پەرھىزلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىككە، مۇرەككەپلىككە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ؛ بەشىنچى، پەرھىز قويۇق ئۆرپ – ئادەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئالتىنچى، بىر قىسىم تىل پەرھىزلىرى بىزنى بىمەنىلىك، بىئەدەپلىكتىن چەكلەيدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش بايلىقىدىن ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىكى « قورقۇش كېسىلى» كېسەللىك ئەمەس [ 2012-04-23 13:43:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى [ 2012-04-23 13:42:19 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆز ئاسراش چىرىغى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدى [ 2012-04-23 13:40:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ساغلاملىق بويۇملىرىغا قالپاق كىيگۈزۈش ئۇيۇنى قاچا [ 2012-04-23 13:38:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن بۇ سانغا قاي [ 2012-04-23 13:35:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلگەكچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى [ 2012-04-23 13:29:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ 2012-04-23 13:27:14 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەدلىيە ئىزاھاتى توغرىس [ 2012-04-23 13:25:00 ]
[تارىخى بىلىملەر] خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى [ 2012-04-18 12:11:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوش [ 2012-04-18 12:09:00 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر