پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان س

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-15 17:10 مەنبەسى: ئاپتورى: نازنىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىمەن . نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم ت
تەلەي +1

1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىمەن .
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا “ مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم تىرشىپ ئوقۇيمەن “ دەپ قەسەملەرنى بىرىدۇ . بۇخىل ئەھۋال كۆپۈنچە مەۋسۇملۇق ئىتىھانغا بىر-ئىككى ھەپتە قالغاندا ياكى ئالدىنقى مەۋسۇمدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي تولۇقلاپ ئمتىھان بېرىش يېڭىلا ئاياغلاشقان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ .
لېكىن ياخشى ئۆگنىش  پەقەت ئۇلار بىلىپ -بىلمەي دەپ قويغان گېپى خالاس. ئۇلارنى كىتاپنى كۆتۈرۈپ سنىپقا كىردى دىسەكمۇ ئۇلار كىتاپنىڭ بىر نەچچە ۋارىقىنى ۋاراقلاپ قويۇپلا قولىغا تېلىفۇننى ئېلىپ QQ نى ئاچىدۇ ياكى بىرەر دوستىغا ئۇچۇردىن بىرەرنى يېزىپلا ھېلىقى ۋەدسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەدىسى پەقەت بىر قانچە كۈنلۈكلا بولىدۇ.
2. ئەمدى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىمايمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن  ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ناتۇنۇش ئەمەس. دەرىس ئۆگىنىش، ئۇيۇشما پائاليتىگە قاتنىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ تورخانىلاردا ئويناشنى خېلى كۆپ قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلار “ ئۆگىنىش بېسىمىنى يەڭگىللتىش ، كاللسىنى ئارام ئالدۇرۇش “ دەپ قارايدۇ . ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى شۇنچە زورمۇ ؟؟
ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئويناش كېرەك ، لېكىن بىكار ۋاقتى ۋاقتى چىققاندا مۇۋاپىق ئوينىسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ خۇمار بولۇپ قالماسلىق كېرەك .  دەرستىن چۈشۈپلا ھەتتا دەرستىن قېچىپ ئويۇن ئويناشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
3. ئەمدى ئالدىراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن  مۇھەببەتلىشىش 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا چۇقۇم لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدىغان دەرىسلىك . توغرا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياش، كونىلاردا “ چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە ، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر “ دېگەن گەپ بار . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىدا مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھىس-تۇيغۇلىرى ۋە ئاچچىق ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ، نۇرمال ئەھۋال . لېكىن بىر تۈپ دەرەخ ئۈچۈن چوڭ بىر ئورمانلىقتىن ۋاز كىچىش نادانلىق .
ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ،   ئالىي مەكتەپلەردىكى “ كېلىشكەن يىگىت “ ۋە “ گۈزەل قىزلار “ نىڭ “ قايمۇقتۇرىشى “ ياكى باشقا سەۋەپلەر تەرپىدىن بەزىلەرنىڭ خوشال كۈنلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن . بۇنداق چاغلاردا زەربىگە ئۇچرىغان تەرەپ ئازاپلانغان ھالدا  “ ئەمدى ھەرگىز ئالدراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن “ دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلىشى مۇمكىن . لېكىن بىر سەبى قىز ياكى كېلىشكەن يىگىت ئۇلارغا قايتىدىن “ ھاياتلىق “ ئاتا قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەسەملرى يەنە يوققا چىقىدۇ .
4. ئەمدى قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن .
ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى “ يۇۋاشلاپ “ قالىدۇ. كۈندە يەيدىغىنى بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىر – ئىككى قاپ تەييار چۆپ . بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئېغزدىن “ كېلەر ئايدىن باشلاپ قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن، مۇۋاپىق خەجىلەيمەن “ دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايسىز. بۇنداق چاغدا ئۇلارنى راستىنلا تىجەشلىك بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇمۇ ئۇلارنىڭ دەپ قويغان گېپى
يېنىدا پۇل ئاز قالغاندا ئاتا – ئانسىغا پۇلدىن ئېغىز ئاچالمىغانلىرى سىرتتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەيدۇ. بىر كۈن ئىشلەپ ئازغىنە پۇل تېپىپ كەلگەندە ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي “ پۇل تېپىشنىڭ نەقەدەر قيىلقىنى ، ئاتا-ئانامنىڭ قانداق قيىچلىقلارنى تارتقنىنى ئەمدى بىلدىم ، ئەمدى چوقۇم تىجەشلىك بولىمەن “ ديىشىدۇ . لېكىن بۇنداق سۆزلرىنى ئسىدە تۇتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، يۇقىرقىدەك ئەھۋال ھەر ئايدا تەكرارلنىپ تۇرىدۇ.
5. چۇقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
نۇرغۇن ئوغۇللار ئارىلاپ-ئارىلاپ توپ ئويناپ تۇرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ تورخانا ۋە باشقا جايدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ .
ئوغۇللار دائىم كەچتە ياتاقتا قورساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولىدۇ. بىرنچى كۈنى 15نى ، ئىككىنچى كۈنى 25نى ، ئۈچىنچى كۈنى 30نى …. لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارسىڭىز ئۇلار بىر كېچىدە يەر بېغىرلاشتىن ئاران بىرنى ئىشلەيدۇ. يەنى كەچتە كارۋىتىدا يەر بېغىرلاشنىڭ “تۈۋەنگە چۈشۈش “ ھەركتىنى تاماملىسا “ ئۈستىگە قوپۇش “ ھەركتىنى ئەتىسى ئويغانغاندا تاماملايدۇ.
6. چوقۇم ۋاقتىدا پايپاق يۇيىمەن.
پايپاق ۋە ئىچ كيىملرىنى يۇيماسلىق كېسىلى بەلكىم ئوغۇللارغا خاس ئورتاق كېسەللىك بولشى مۇمكىن . بۇ خىل ئەھۋال قىزلاردا ئانچە كۆرۈلمەيدۇ.
ئوغۇللار ئۆزى كيىپ سېستىۋەتكەن پايپاق-ئىچ كىيملرىدىن ئۆزى سەسكىنىپ يۇيۇش خوشياقماي كارۋتىنىڭ ئاستىغا ياكى ياتاقنىڭ باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىمايدىغان بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپلا يۈرۋىرىدۇ .
پەقەت ياتاق تەكشۈرگچىلەر بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئوڭايسىزلنىپ “ ئەمدى چوقۇم ۋاقتىدا يۇيىمەن “ ديىشىدۇ . لېكىن ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ياتاقتا سېسىق پايپاقلار يەنە كۆپىيىپ قالىدۇ.
7. ئەمدى باشقىلارنىڭ چايدىنىدىكى چاينى  ئوغۇرلۇقچە ئىچمەيمەن.
قىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ قايناق سۇ ئېلىش خوشياقمىغانلار باشقىلار بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ چايدنىدىكى چاينى ئچۋېلشى ياكى يۈز-كۆزىنى يۇيۇشقا ئىشلتىۋېلىشتەك ئەھۋال ھەر قىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئېگىسى بايقاپ قالغاندا بولسا “ ئاداش خاپا بولما ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلمايمەن “ دەيدۇكى لېكىن سوغوقتا سىرتقا چىقىش خوشياقمىغاندا يەنە قلىدىغنىنى قىلىۋېرىدۇ.
8.ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن.
ئاي ئاخرىدا يېنىدا پۇل قالمىغان بەزى “ ئاغىينىلەر “ سىز ئاشخانىغا تاماققا كىرگەندە “ ئاداش، بۈگۈنپورتمالمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خاتىرجەم بول، ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن “ دەيدۇ. قاراڭ ئۇنىڭ “ نۇمۇس “ قىلىپ “ بۈگۈنكى تاماقنىڭ پۇلىنى سەن تۈلىۋەت “ دىيەلمگنىنى. بۇنداق چاغدا ياق دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن ئەتىسى سىز ئاشخانسدىن ئۇ “ دوستىڭىز “ نى ھەرگىز تاپالمايسز. ياكى “ دوستىڭىز “ سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرىدۇ. سىز يېنىغا بېرىپ ئېغىز ئاچالمايسىز.

 

تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى

نازنىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كىشمىشنىڭ شىپالىق رولى [ 2012-04-15 17:18:25 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] يىگىت-قىزنىڭ پەرقى [ 2012-04-15 17:15:33 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پۇشايمەن قىلىمەن باي بولۇپ قالغانغا [ 2012-04-15 17:14:17 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8 يالغان سۆزى [ 2012-04-15 17:12:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان س [ 2012-04-15 17:10:38 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار ب [ 2012-04-15 17:09:15 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلە [ 2012-04-15 17:07:52 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ناھايىتى ئېسىل نەسىھەتلىك سۆزلەر،سىزگە چوقۇم ئەسق [ 2012-04-15 17:04:21 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تاماقتىن كېيىن نىمە قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟ [ 2012-04-15 17:02:21 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە [ 2012-04-15 16:57:47 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
نازنىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-04-28 16:04
تەۋسىيەلەر