تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار ب
يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-15 17:09 مەنبەسى: ئاپتورى: نازنىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار بولۇڭ ئامېرىكا فلورىدا شىتاتى كلېۋېلاند تېببى مەركىزىدىكى تېرە بۆلۈمى دوختۇرى، تا
 |
 |
تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار بولۇڭ ئامېرىكا فلورىدا شىتاتى كلېۋېلاند تېببى مەركىزىدىكى تېرە بۆلۈمى دوختۇرى، تامارا. رىئو ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىمارىنىڭ تىرناقلىرىدا كۆك رەڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۆپكىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىبىنى بەرگەن. چۈنكى تىرناقتىكى كۆك رەڭ نەپىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بىشارەت بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ئۆپكىسىدە سۇ بارلىقى ئېنىقلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر تىرناقنىڭ باشلىنىش ئورنىدىكى كىچىك ھىلال ئاي توغرىسىدا ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر تىرنىقىڭىزدىكى ھىلال ئاي ئىنتايىن كىچىك بولسا، سىزدىكى قالقانسىمان بەز ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. كۆپ يىللىق تەتقىقات ۋە كېلىنكىلىق تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، تامارا تىرناقتا ئوڭاي كۆرۈلىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك بىنورماللىقنى رەتلەپ چىققان. تىرنىقىڭىز ئاقىرىپ كەتسە ____ جىگەر ياللۇغى دىگەندەك جىگەر كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت بولۇشى مۇمكىن تىرنىقىڭىز سارغىيىپ، قېلىنلاپ ياكى ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ قالسا ____ ئۆپكە گازلىق ئىششىقى دىگەندەك ئۆپكە كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت بولۇشى مۇمكىن. تىرنىقىڭىز سارغىيىۋالسا ھەمدە تىرناق باشلىنىش قىسمى سۇس قىزىل بولسا ___ دىئابىت كېسىلىدىن بىشارەت. تىرناقنىڭ يېرىمى ئاق يېرىمى قىزىل بولسا ____ بۆرەك كېسلىدىن بىشارەت. تىرناق ئولتۇرۇشقان ھالەتتە بولسا ياكى سزىقچىلار پەيدا بولغان بولسا ___ كالا تەمرەتكىسى ياكى بۇغۇم ياللۇغىدىن بىشارەت. توقماق شەكىللىك تىرناق، يەنى تىرناق ئۇچىدا ئۆسمە بولسا، تىرناق قېلىن بولسا ___ ئۆپكە كېسىلىدىن بىشارەت. تىرناق سىزىقچىلىرى قورۇلۇپ، نۇرغۇن قىزىل سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا ___ قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ياكى بېرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت. تىرناقتا قېنىق رەڭلىق سىزىقچىلار پەيدا بولسا ____ مېلانوما (ئۆسمىنىڭ بىر خىلى) دىن بىشارەت. ئەلۋەتتە بۇ ئۆزگىرىشلەر پەقەتلا سالامەتلىكتىكى مەلۇم مەسىلىلەردىنلا بىشارەت بىرەلەيدۇ. ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر ۋراچلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى، ئاممىۋى سەھىيە ئىلمى ماگىستىرى كىرستىنا.لان بىزگە، تىرناقنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەتلا بىر قىسىم ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، كونكېرتنى كېسەللىك ئەھۋالىغا يەنە تەپسىلىي تەكشۈرۈپ دېئاگنوز قويۇش زۆرۈر دەپ بىلدۈرگەن. ئەرزان باھالىق تىرناق لاكى سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ بىر تەرەپتىن تىرناق تەن سالامەتلىكتىن بىشارەت بېرەلەيدۇ، بەزى كىشىلەر گۈزەللىك قوغلىشىپ تىرناقلىرىغا تىرناق لاكى سۈرۈۋالىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىدا، ئادەتتە بازاردىن سېتىۋالىدىغان نەچچە يۈەنلىك تىرناق لاكى تەركىبىدە فورمالدىگىد. تولۇئېن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە تىرناقنى ساغارتىپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ، تىرناق ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تىرناق تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن سىگنال بېرىپ تۇرىدىغان چىراغ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ساغلام ياكى ئەمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم. سىزنىڭ كىچىكىڭىزدىنلا تىرنىقىڭىزنى چىشلەيدىغان ئادىتىڭىز بارمىدى؟ سىز داۋاملىق تىرنىقىڭىزنى بەكلا ئېلىۋېتەمسىز ياكى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالامسىز؟ سىز تۈرلۈك رەڭدىكى تىرناق لاكلىرى بىلەن تىرنىقىزنى بويىۋالامسىز؟ مۇتەخەسىسلەر بىزگە بۇلارنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. كۆپچىلىك ئامال بار تىرناقنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، تىرناقنىڭ كېسەللىك يۇقۇملۇقلىرىدىن يىراق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى
|
------分隔线----------------------------