پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولايلى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-27 11:53 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
چوڭلار ئۆز پەرزەنتىنىلا ئەمەس ھەرقانداق بالىلارغا ئىللىق، سىلىق مۇئامىلىدە بولغاندا، بالىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ.
تەلەي +1

 

بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولايلى

 

ۋارىسجان ئەھمەد

بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولايلى
 

    تۇرمۇشقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا ئانىلار پەرزەنتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئىپادىلەپ ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا ئانىلار پەرزەنتىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆڭلىدە بىلدۈرىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ پەرزەنتىگە نىسبەتەن چوڭلارنىڭ مېھرىبانلىقى، كۆيۈنۈشى، قوللىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە مەكتەپلەردە زور كۆپچىلىك سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ھالدا تەڭ كۆزدە قارايدىغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا دەرستە ۋە تەشكىلى تۈزۈمدە ياخشى بالىلارغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىدۇ ھەم بەكرەك كۆيۈنۈپ ئەتىۋارلايدۇ. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن شۇ سىنىپتىكى دەرستە ياخشى، رايىش بالىلارنى قوللايدۇ ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەلۋەتتە ئۆز پەرزەنتىدىن باشقا بالىلارغىمۇ ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇش، بالىلارنىڭ گەپ سۆزىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىش، بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم بېرىش، بالىلارنىڭ بالىلارچە قىلىق ھەم ئويۇنلىرىغا خاپا بولۇش بىھاجەتتۇر. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم چوڭلار پەقەت ئۆز پەرزەنتىدىن باشقا بالىلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ ھەم بالىلارنىڭ گەپ سۆزىگە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە خاپا بولىدۇ ياكى ئاچچىقلىنىدۇ.

    چوڭلار ئۆز پەرزەنتىنىلا ئەمەس ھەرقانداق بالىلارغا ئىللىق، سىلىق مۇئامىلىدە بولغاندا، بالىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى بالىلار بىلەن چىقىشىش چىقىشالماسلىقىغا، ئۇلارغا كۆيۈنۈش كۆيۈنمەسلىكىگە، ئۇلارنى ئۇچراتقاندا يېقىملىق بولۇش بولالماسلىقىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بىر قىسىم چوڭلار بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇپ ھەم ئۇلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ ھەم يېقىملىق گەپ سۆز، ئىش ھەرىكىتى بىلەن قايىل قىلىدۇ. بۇنداقلار كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئەخلاقلىق، مەسئۇلىيەتچان، راستچىل كېلىدۇ. ئەمما بالىلارنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان، ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزى ئاساسەن تەرسا، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان، ئىش قىلغاندا قول ئۇچىدا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتسىز ۋە يالغانچى كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلار بىلەنمۇ چىقىشالمايدۇ.

    قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئادەتتە ئاق كۆڭۈل ھەم راستچىل كېلىدۇ، شۇڭا، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، كۆڭۈل بۆلۈش، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياردەم قىلىش پەزىلەتلىك ئادەمدە بولىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر. بالىلار ئادەتتە ئويۇنغا بەكرەك قىزىقىدۇ ھەم بوش ۋاقىت چىقسىلا بالىلارچە ئويۇن ئوينايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەتراپتىكى چوڭلارنى خاپا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق چاغدا چوڭلار «مەنمۇ بالا ئىدىم » دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ بالىلارغا زىيادە زورۇقۇپ چېچىلماسلىقى، ناۋادا بالىلار گەپ سۆزگە دىققەت قىلماي، ناچار ئىش ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالسا، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ھەرگىزمۇ ئاچچىقلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۆزىمىزمۇ نەچچە بالىنىڭ ئاتا ئانىسى تۇرۇپمۇ گەپ سۆز، ئىش ھەرىكىتىمىز ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ئەھۋاللاردىن تولۇق خالىي بولۇپ كېتەلمەيۋاتقىنىمىزنى ئويلىشىمىز لازىم.

    سىز باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولسىڭىز شۇ بالىلارمۇ سىزگە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ، تونۇش بىلىشلەرمۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن قوشنىلىرىڭىزنىڭ بالىلىرى ئاتا ئانىسى ۋاقتىدا كەلمەي ئىشىك ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغاندا، ئاتا ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز، بېشىنى سىلىسىڭىز ئەقەللىيسى قۇشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن بولىسىز. ناۋادا سىزگە ناتونۇش بولغان بالىلارنى ئۇچراتقاندا ئۇلار بىرەر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ۋە ھېسداشلىقىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز، ئۇلار سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىدۇ، سۆيۈنىدۇ.

    بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاتا ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تولۇق ئوتتۇرا] 高二分册数学教案 [ 2012-04-27 16:13:00 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] ( 高二年级数学第一学期教案(全套 [ 2012-04-27 16:09:20 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] ( 高考政治复习必知的《文化生活》知识(教案 [ 2012-04-27 16:06:33 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] (高中数学新人教版必修1全套教案(原创 [ 2012-04-27 16:03:18 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] (高中数学新人教版必修4全套教案(原创 [ 2012-04-27 16:01:54 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] (高中数学新人教版必修5全套教案(原创 [ 2012-04-27 16:00:18 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] (高中数学重点知识与结论分类解析(教案 [ 2012-04-27 15:52:13 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] 信息技术基础-必修课程 [ 2012-04-27 15:49:21 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] 人工智能初步-选修课程 [ 2012-04-27 15:46:36 ]
[تولۇق ئوتتۇرا] 人教版选修5《有机化学基础》全套教案 [ 2012-04-27 15:40:09 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر