![]() |
بالىلارغا كۆيۈنۈش لايىقىدا بولسۇن گۈلبەھرەم ئوبۇلھەسەن بىر خىزمەتدىشىم بەش ياشلىق قىزىغا ھازىرغىچە تاماقنى ئۆزى بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن يىگۈزۈپ قويمىسا قىزىنىڭ تاماقنى ئۆزى يېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى، بەش ياشلىق بالىنىڭ تاماقنى ئۆزى يېيەلمەسلىكى بولماستىن، بەلكى خىزمەتدىشىمنىڭ بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانماي ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ناھايىتى «مېھرىبان ئانا» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن: «قىزىڭىز يەسلىدىمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «قىزىم تاماقنى ئۆزى يېيەلمىگەچكە يەسلىگە بەرمىدۇق، ئانام ھەر كۈنى ئەتىگەن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قىزىمغا قاراپ بېرىپ كەچتە كېتىدۇ» دېدى. مەن بۇنىڭدىن تېخىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىپ: «ئۇنداقتا، قىزىڭىزغا تاماقنى مەڭگۈ ئۆزىڭىز يېگۈزۈپ قويىدىكەنسىز – دە!» دېسەم، خىزمەتدىشىم ۋىللىدە قىزاردى. بۇ ئىش خېلى ئۇزاققىچە كاللامدىن كەتمىدى. نورمال، ساغلام ئۆسۈۋاتقان بەش ياشلىق بالا تاماقنى ئۆزى يېيەلمىسە قانداق بولغىنى؟ ھازىر يەسلىلەردىكى ئۈچ – تۆت ياشلىق بالىلار. تاماقنى ئۆزى يەيدىغۇ؟ مېنىڭچە، بالىنى ياخشى كۆرۈمەن، دەپ ھەممە ئىشتا بالىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. بالىنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەش بالىلارنى شەخسىيەتچى، ئۆكتەم قىلىپ قويىدۇ. بالىلارغا خاتا قىلغان ئىشىنى جەزمەن دەل ۋاقتىدا كۆرسىتىپ، تەربىيە بېرىپ خاتالىقىنى تۈزىتىپ مېڭىش كېرەك. بالىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىنىڭ تۈزىتىپ مېڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. توغرا، دۇنيا نۇرغۇن كېچىكىشلەر بىلەن تولغان. ئەمما پەرزەنت تەربىيەسىدە كېچىكىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بەزىدە بالىلارغا ئانچە – مۇنچە «رەھىمسىزلىك» قىلىشمۇ زىيانلىق ئەمەس. پەرزەنت تەربىيەسىدە دادا بىلەن ئانا ئارىغا چۈشۈپ بالىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقى كېرەك. جەمئىيىتىمىزدە شۇنداق بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارمۇ بار، ئۇلار بالىسى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدىغان «ماشىنا ئادەم»گىلا ئوخشاپ قالغان. ئۇلار پەرزەنتلىرى خاتا ئىش قىلسا ئاچچىقلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارغا يالۋۇرۇپ، ئويۇنچۇق، كىيىم – كېچەك ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ ئالدايدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش ئائىلىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىراق ھەممە ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى. «دورىنىڭ ئارتۇقى زىيان قىلىدۇ» دېگەندەك، بالىغا بولغان كۆيۈنۈشمۇ لايىقىدا بولسۇن، بىر بالىلار پىسخولوگى: «سەن بالاڭنى كۆككە كۆتۈرۈپ پادىشاھ قىلىۋالساڭ، تەبىئىيكى ئۆزۈڭ ئۇنىڭ مالىيىغا ئايلىنىپ قالىسەن» دېگەن ئىكەن.
|