پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

«ئەقىللىق» بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن بەكرەك ق

يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-10 23:22 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇزۇن يىلدىن بېرى، مائارىپتا مودا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان نەزەرىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئىدى. بۇ
تەلەي +1

«ئەقىللىق» بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن بەكرەك قاچىدۇ

«ئەقىللىق» بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن بەكرەك قاچىدۇ


ئۇزۇن يىلدىن بېرى، مائارىپتا مودا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان نەزەرىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئىدى. بۇ نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا ئۇلارنى ماختايدىغان ۋە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى بەرپا قىلغان ئىدى. بىراق ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئوقۇتقۇچىلار بەزى ئارتۇقچە، مۇجمەل قۇرۇق ماختاشلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزۇن مەزگىللىك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىكى ئەڭ يېڭى پىسخولوگىيە ۋە مېڭە تەتقىقات تەكشۈرۈشىدە مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىق، ئىلمىي ماختىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

   تىرىشمايلا ئېرىشكەن ماختاشلار ئوقۇغۇچىلارغا رەسمىي ياردەم قىلالمايدۇ، قالايمىقان ماختاشنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنى نۇرغۇن مۇھىم ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. يېڭى مائارىپتىكى چىرايلىق سۆزلەر «قەتئىي بوشاشماسلىق»، «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش»، «مۇھىتقا ماسلىشىش» قاتارلىقلار بولىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچىدا تېخىمۇ تەر چىقىرىپ تىرىشىشىغا بەكرەك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
   ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى كالور دىۋېك مۇنداق دېدى: بىز بۇرۇن ئىزچىل ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق غورۇرنى ئۇلارنى ماختاش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز دەپ قارىغان، بىراق ھازىر بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانساق نەتىجىنىڭ ئارزۇيىمىزنىڭ ئەكسىچە چىقىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
   دىۋېك مونتگومېرىي قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ «سەن بەك ئەقىللىق»دەك ماختاشلارنىڭ ئوخشاشلا ئەكس تەسىرى بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دائىم «ئەقىللىق» دەپ ماختىلىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئۆزىنىڭ «ئەقىللىق» دېگەن نامىغا بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئورۇنلاش مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن داغ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بىراق تىرىشىپ سىناپ باقىدىغان ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان بالىلار ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تۇغما ئەمەس بەلكى، يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق توپلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. بۇنداق بالىلار تېخىمۇ بەسلىشىشنى خالايدىغان ۋە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
   مېڭە رەسىمىدە كۆرسىتىلىشىچە: كىشىلەر يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەندە، باش تېرىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئالاقە ئاشىدىكەن ۋە مەشق ئارقىلىق بۇنداق ئالاقىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن. ئالىملار بۇنداق ئالاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىشنى خالايدىغان پىسخىكىسىنى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.



تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

更多

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت پىسخىكىسى] تەتىل ھەققىدە پاراڭ [ 2012-09-08 23:12:59 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ئوتتۇرا باشلانغۇچ قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۇش مەش [ 2012-08-11 01:05:11 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتېماتىكا مەشىقچىسى-小学数学练习机 [ 2012-08-11 00:57:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 3D鸿鹄خىمىيە-鸿鹄3D化学 [ 2012-08-11 00:51:22 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 3D玲珑گىئومىتىرىيە رەسىم تاختىسى [ 2012-08-11 00:42:21 ]
[ئوماق قوزام] يەنە ئوماق بالىلار رەسىملىرى(2) [ 2012-08-11 00:21:15 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى [ 2012-08-11 00:00:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگ [ 2012-08-10 23:57:54 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى سۈرەتكە چۈشۈرگەندىكى يوشۇرۇن خەۋپلەر [ 2012-08-10 23:31:12 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] ئۇزاق مۇددەت ئىچ سۈرۈش بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتك [ 2012-08-10 23:25:51 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر