پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-08 23:19 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم ئوغلۇم سەن دۇنياغا تۆرەلدىڭ. تۆرەلگەن ئىكەنسەن، ياشايسەن. ياشاش جەريانىدا ئۆزۈڭگە مۇناسىپ ھايات زىننىتى ۋە
تەلەي +1

 

ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

 

ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

ئوغلۇم سەن دۇنياغا تۆرەلدىڭ. تۆرەلگەن ئىكەنسەن، ياشايسەن. ياشاش جەريانىدا ئۆزۈڭگە مۇناسىپ ھايات زىننىتى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت يارىتىسەن. ئاشۇ زىننىتىڭ ۋە قەدىر-قىممىتىڭ سېنى بۇ دۇنيادا ھەر ۋاقىت مۆھتەرەم ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. سېنىڭ مۆھتەرەم ئورۇنغا ئىگە بولۇشۇڭ تەقدىر، ئىستىقبالىڭنى بەلگىلەپ، سېنى ھاياتنىڭ تاسقاقلىرى ۋە تاللاشلىرىدىكى بىقۇۋۇلچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. شۇندىلا سەن روھىڭدىكى ئۇلۇغلۇق ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى ئاساسىدىكى ياشاش جەريانىغا ئىگە بولالايسەن. چۈنكى، ھايات ھامان كىرىزىس ۋە خىرىسقا تولغان بولىدۇ. ئىنسان غەلىبە پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، ھاياتنىڭ نىشان-يۆنىلىشلىرى پارلاق بولىدۇ. مەغلۇبىيەت رېئاللىقى قارار تاپقاندا، ھاياتنىڭ نىشان-يۆنىلىشلىرى گۇڭگا بولىدۇ. بىراق، بۇ گۇڭگىلىق سېنىڭ كۈچ كۆرسىتىشىڭ ۋە بۇنى ئاكتىپ جەريانغا ئايلاندۇرۇشۇڭ بىلەن يوقىلىدۇ.

سەمىمىي گېپىمنى دېسەم، مەن سېنىڭ بۇ دۇنيادا مۆھتەرەم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ياشىشىڭنى تىلەيمەن. چۈنكى، مەن بىر ئاتا! بۇ دۇنيادا ئۆز ئوغلىنىڭ ياشاش ئۈچۈنلا ياشاپ قېلىشىنى ھەر قانداق ئاتا خالىمايدۇ. شۇڭا، مەنمۇ سېنىڭ ياشاش ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ياشىمىسا بولمايدىغان ئادەملەردىن بولۇشىڭنى خالايمەن. چۈنكى، ياشىمىسا بولمايدىغان ئادەملەر ھەر قانداق ئەل-قوۋم ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. ئۇلار شۇ ئەل-قوۋمنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىدا زور رول ئويناپ، شۇ ئەل-قوۋمنىڭ چىن پەرۋىشكارلىرىغا ئايلانغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشىمىسا بولمايدىغان بۇ ئادەملەرنى ھەر قانداق ئەل-قوۋم ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ھەقىقىي باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھايات يولىنى شۇ ئارقىلىق دەڭسەپ تۇرىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ يەردە ساڭا دەۋاتقان مۆھتەرەم ئورۇن ھەرگىزمۇ پۇل-بايلىق ئۈچۈن پالاقشىش، نام-شۆھرەت قوغلىشىش، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىك قىممىتىڭ ۋە سۈپىتىڭ بىلەن ياشاشنى تىلەشتۇر. ھاياتلىقتا سەن ئادىمىيلىك قىممىتىڭ ۋە سۈپىتىڭ بىلەن ياشىيالىساڭلا دۇرۇس ئادەم بولالايسەن. بۇ دۇرۇسلۇق سېنى ھەر خىل چىركىن تۇرمۇش ۋە چۈشكۈن ياشاش قوينىدىن تارتىپ چىقىرىپ، سېنى ماددىي پاراغەتنى ياشاشنىڭ ئالىي مىزانى قىلىۋالىدىغان روھى پاجىئەدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بىلگىنكى، ماددىي پاراغەت ۋاقىتلىق، مەنىۋى پاراغەت مەڭگۈلۈك ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

بالام، چوڭ بولغانچە چۈشىنىپ قالىسەن. جاھاننىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرى سېنى بەكلا تالجىقتۇرىدۇ. بۇلار ھەر ۋاقىت سېنى ئەقىل بىلەن ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ ھەم ئاشۇ ئاچچىق-چۈچۈكلىرى بىلەن سەندىن ئىمتىھان ئېلىپ، سېنىڭ ياشاش خىسلىتىڭ ۋە ھاياتلىق ئەقىدىلىرىڭنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە سېنىڭ بىلىشلىرىڭ ۋە قاراشلىرىڭ تارازا تېشى قىلىنىدۇ. سەن بۇ ئارقىلىق ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتىسەن. شۇنداقلا سەن بىلەن ئورتاق ياشاۋاتقان ئادەملەرنى ئەستايىدىل چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىسەن.

بالام، ياشاش نىشانىڭ ئېنىق بولسۇن. چۈنكى، نىشان بىزدە ئاكتىپلىق ۋە قىزغىنلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاكتىپ ۋە قىزغىن ياشاش ۋاقتى كەلگەندە دۇنيانى باش ئەگدۈرىدىغان جاسارەت ۋە روھ ئاتا قىلىدۇ. شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى، قانداق نىشان بولسا شۇنداق ياشاش ۋە يۈزلىنىش بولىدۇ. شۇڭا، سەن قەتئىيلىك بىلەن ئۆزۈڭدە ياشاش نىشانى تۇرغۇزۇپ، شۇ ئاساستا ھاياتىڭدا ئاكتىپ يۈزلىنىش ۋە مۇقەددەس مەنزىللەرنى بەلگىلەپ چىقىشىڭ كېرەك. شۇنى چۈشەنگىنكى، بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئادەملەر تالاي. ئۇلار بۇ دۇنيادا بۈيۈك مەقسەت ۋە نىشانلاردىن خالىي ياشاپ، كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدىلا يۈرىدۇ. ئۇلارغا ھاياتنىڭ مەنىسى يەپ-ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزۈشتەكلا بىلىنىدۇ. سەن ھەرگىزمۇ بۇنداقلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالما. چۈنكى، ياشاش ئۈچۈنلا ياشاش سېنىڭ ھاياتىڭنى بىر خىل زۆرۈرىيەت تۈسىدە ئۆتكۈزۈشكە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ چاغدا سەن ھاياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىسەن − دە، ئۆمۈر ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلىشقا مەجبۇر بولىسەن.

بالام، يەنە بىر تەرەپتىن، مەن سېنىڭ ھايات يولۇڭدا يۈكسەك ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ئەخلاق ھاياتتىكى مەڭگۈلۈك قەدىر-قىممەت ۋە قەدىرلىنىشكە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتى. شۇنى چۈشەنگىنكى، ئەخلاق ھاياتنى جۇلالاندۇرۇپ، سېنى ساغلام ۋە دۇرۇس ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادا ساغلام ۋە دۇرۇس ياشىماق قىيىن. شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز «ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس» دېگەن. يەنە شۇنى چۈشەنگىنكى، ئەخلاق يار بولغان ھايات بەرىكەتلىك ۋە بەختلىك بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا پەقەت بەرىكەت ۋە بەخت يار بولغاندا ھاياتنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بەرىكەتسىز ۋە بەختسىز ھايات ئىنساننى ھەر خىل گۇناھ، پەسكەشلىك ۋە قىممەتسىز ياشاشقا مۇپتىلا قىلىپ، ئىنساننى خار ۋە زەبۇنلۇققا مۇپتىلا قىلىدۇ. دەرۋەقە، سەن ياشايدىغان جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق ۋە ئەخلاق نۇرىنىڭ خۇنۈكلىشىش ھادىسىلىرى مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ھادىسىلەر گېزى كەلگەندە ھاياتىڭغا ۋە ئەخلاق قاراشلىرىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىقتا سەلبىي ۋە ئىجابىي تەسىرلەر ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ تەسىرلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىنمىسا، ئۇلار ئادەمنىڭ قاراش-تونۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا ئىنساننىڭ دۇرۇسلۇق ۋە ھىدايەت يولىنى تارايتىۋېتىدۇ.

ھاياتىڭدا يەنە قەدىر-قىممىتىڭنى ساقلاشنى بىلگەيسەن. سەن قەدىر-قىممەت ئارقىلىق ھەر ۋاقىت روناق تاپالايسەن. قەدىر-قىممەت سېنى ئەزىز قىلىدۇ. تېگىدىن ئېيتساق، قەدىر-قىممەت سېنىڭ تۈگىمەس بايلىقىڭدۇر. مەن قەدىر-قىممەتتە باي بولۇشىڭنى تىلەيمەن. بىلگىنكى، قەدىر-قىممەت شۇ كىشىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ھايات مىزانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، شۇ كىشىنى ھەر خىل قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ قىممىتى ھايات تۇرۇپ يوقىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ قىممىتى ھايات بولمىسىمۇ يوقالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادا ھايات بولمىسىمۇ قىممىتى يوقالمايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ ياشىماق تەس. بۇنداقلار ماھىيەتتە ھەقىقىي ئادەملىك مۇقامىغا يەتكەن چىن ئىنسانلاردۇر. مەنمۇ سېنىڭ مۇشۇنداق چىن ئىنسان بولۇشىڭنى تىلەيمەن. چۈنكى، چىن ئىنسانلىق ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ ئۇلىدۇر. شۇنداقلا ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولۇپ ياشىشىنىڭ مۇقەددەس جەريانىدۇر. بۇ جەريان قەلەندەر بولۇشتىن قورقماي، قەدىرسىز بولۇشتىن قورققان ئىنسانلارغا مەنسۇپ. مۇشۇ قاراش بويىچە، مەنمۇ سېنىڭ قەلەندەر بولۇشتىن قورقماي، قەدىرسىز بولۇشتىن قورقىدىغان ئادەم بولۇشىڭنى تىلەيمەن! شۇنداق بولغاندىلا سەن قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك ھاياتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىسەن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

更多

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم [ 2012-09-08 23:40:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نا [ 2012-09-08 23:37:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئە [ 2012-09-08 23:33:51 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى [ 2012-09-08 23:29:57 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى [ 2012-09-08 23:27:06 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە [ 2012-09-08 23:23:20 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم [ 2012-09-08 23:19:16 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] تەتىل ھەققىدە پاراڭ [ 2012-09-08 23:12:59 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ئوتتۇرا باشلانغۇچ قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۇش مەش [ 2012-08-11 01:05:11 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتېماتىكا مەشىقچىسى-小学数学练习机 [ 2012-08-11 00:57:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر