چودا يېزا باشلانغۇچ مەكتىۋى ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ 2011/2012-ئوقوش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقوتۇش خىزمەت پىلانى چودا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ 2011/2012-ئوقوش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقوتۇش خىزمەت پىلانى بۇ ئوقوش ماۋسۇمى جەريانىدا بىز پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئوموميۈلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقورلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقوتقۇچىلارنىڭ بارلىقىنى خەلققە بىغشلاش روھىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش ۋە كۈچەيتىش، تەلىم-تەربىيە، ئوقوتۇش سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ئىدىيەۋى خىزمەتنى يىتەكچى، ئوقو-ئوقوتۇشنى مەركەز، دەرسخانا ئوقوتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چىقىش يولى» قىلىشتىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانىنى تۇرغۇزۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو-ئوقوتۇش، قوش تىل ئوقوتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي خىزمەتلەردە يۇقىرى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. ئاساسىي ئەھۋال: مەكتىۋىمىزدە بىر مەركىزىي مەكتەپ، 2تارماق مەكتەپ، 3ئوقوتۇش نوقتىسى بار بولۇپ، 5ئورۇندا ئوقوتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. جەمئىي ئوقوغۇچى نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل سىنىپلىرىدىكى ئوقوغۇچى سانى نەپەر. جەمئىي ئوقوتۇش سىنىپى سىنىپ، ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ ھەپتىلىك دەرس سائىتى سائەت، ھەپتىلىك ئومومىي دەرس سائىتى سائەت، ماۋسۇملۇق سائەت بولۇپ،مەكتىۋىمىزدىكى خىزمەتتە ئىشلەۋاتقان ئوقوتقۇچىلار نەپەر ئوقوتقۇچىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر ھەپتىدە سائەتتىن، ماۋسۇملۇق ئوتتۇرىچە دەرس سائىتى سائەتتىن توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ ئوقوش ماۋسۇمىدا ئوقوتقۇچىلارنى كەسپ قۇرۇلمىسى بويىچە ياخشى تەڭشەپ، ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئوقوتۇش نوقتىلىرىدا كەسىپلىشىشنى يولغا قويۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوقوتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆز كەسپىنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئوقوتۇش سۈپىتىنىڭ ئۈسۈشى ئۈچۈن ئاساس سالىمىز. بىز بۇ ئوقوش يىلىدا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقوتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كونكىرتنى ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. 1. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقو-ئوقوتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 2011-يىلى -نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقوتقۇچىلارنى پەن قۇرۇلمىسى بويىچە مەكتەپلەرگە دەرس ئۆتۈشكە تەقسىم قىلىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا بېرىپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ ماسلاشتۇرىشى ئارقىسىدا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ ماۋسۇملۇق ئوقو-ئوقوتۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرىلىشىنى ئالدىنقى ئاساس بىلەن تەمىنلەيمىز. 2.ئوقوتقۇچىلارنى پەن قۇرۇلمىسى بويىچە كەسپىي ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتىۋىمىزدىكى تەجىرىبىلىك، ئوقوتۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئوقوتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئوقوتقۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيسى بىلەن پىشقەدەم ئوقوتقۇچىلارنىڭ تەجىرىبىسىنىڭ ياخشى بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق،ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوقوتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 3. ماۋسۇمدا بىر قېتىم 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر گۇرۇپپىسى بويىچە زىھىن سىناش، نوتۇق سۆزلەش، مودىل مۇسابىقىلىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق، ساپا مائارىپىنىڭ ئوقوغۇچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشنى تېخىمۇ چوڭقورلاشتۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان، جانلىق، تېتىك بولغان، ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلغان بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. 4. ئوقوتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئوقوتۇش ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا ماسلاشتۇرۇش، «قوش تىل» ئوقوتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئوقوتقۇچىلارنىڭ كەسپىي مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلمىي بۆلۈم بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ، نورمالنى ئوقوتۇش ۋە ئوقوتقۇچىلارنىڭ نورمال دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ھەپتىدە 8سائەت خەنزۇتىلى ئۈگىنىشكە تەشكىللەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۈگىنىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر ئايدا بىر قىتىم ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئىگەللىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئوقوتۇش نوقتىلىرىدا قارا دوسكا تەييارلاپ، كۈندە «خەنزۇتىلىدىن ئۈچ جۈملە» ئۈگىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئوقوتقۇچىلارنى ئۇچۇر-تېخنىكا بىلىملىرى ۋە خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ، بارلىق ئوقوتقۇچىلارنى خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇشقا ئاساس سېلىنىدۇ. 5.شىمالىي شىنجاڭدىكى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقوغۇچى يەتكۈزۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇۇپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا 7نەپەر ئوقوغۇچىنى شىمالىي شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئۆتكۈزۈشكە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇلارغا لازىملىق بولغان ھەر خىل تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى تولۇق تەمىنلەپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 6.مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا «قوش تىل» ئوقوتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىزمەتنى بىر تۈرلۈك موھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، تارماق مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇتىلى ئوقوتۇشى ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە خەنزۇتىلى دەرسىنى ئۆتۈشكە مەخسۇس ئوقوتقۇچى بەلگىلەپ، خەنزۇتىلى ئوقوتۇش ئۈتكىلى يەنىمۇ چىڭ تۇتىلىدۇ. 1.7-يىللىقنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىنى ئايدا بىر قېتىم تىزىملىك بويىچە تەكشۈرۈپ نىسبەتكە يەتكەنلەر بىلەن نىسبەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ خۇلاسىلىنىپ، ئالدىنقى ئوقوش يىلىدىكى تەجىرىبە-ساۋاقلار يەكۈنلىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىلىشى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 8. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دەرس پىلانىنى تەستىقلاش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. ھەر جۈمە كۈنى دەرس پىلانىنى تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، كىيىنكى بىر ھەپتىلىك دەرسلەرنىڭ تولۇق تۈزۈلۈپ بولۇنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى مەكتەپلەر دەرس پىلانىنى تولۇق، ئەستايىدىل تۈزۈشى، دەرس پىلانىنى ئالدىن كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقوتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تارقاتقان دەرس تەستىقلاشنى تىزىملاش جەدىۋىلى تولدۇرۇلۇپ ۋاقتىدا يوللىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. 9.تاپشۇرۇق بېرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئائىلە باشلىقلىرى ئىمزا قويۇش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىل ئىجرا بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىشىدىكى رولىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاپشۇرۇق بېرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىدىكى ياخشى تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 10.ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، دەرسلەرنىڭ ماس كېلىشى بويىچە تەجىرىبىلىك، كۆرسەتمىلىك دەرس ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دەرس پىلان بىلەن دەرسنىڭ ماس كېلىشى، دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ تەجىرىبە ئىشلەش، كۆرسەتمىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى، كەسپىي ئىشلارنى تەكشۈرگەندە نوقتىلىق تەكشۈرۈش، ئوقوغۇچىلاردىن كۆرسىتىلگەن تەجىرىبە ۋە كۆرسەتمە دەرس مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ سوراپ دەلىللەش ئارقىلىق ئوقوتۇشنىڭ تەدرىجىي ھالدا ساپا مائارىپىغا يۈزلىنىشى ئوموميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. بۇنىڭدا ھەر ماۋسۇمدا ئىككى قىتىم ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەجىرىبە ۋە كۆرسەتمە دەرس مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ئوقوغۇچىلاردىن سۇئال سوراپ دەلىلەش، دەرس تەييارلىقىدىكى كۆرسەتمە قوراللىرىنىڭ يىزىلغان تۈرلىرى بىلەن ئارىيەت ئېلىش خاتىرىسىنى سېلىشتۇرۇپ دەلىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كۆرسەتمە قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۈنۈمى يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 11. ئىلمىي بۆلۈمدىكى خادىملار تەشكىللىنىپ، تارماق مەكتەپلەرنىڭ ئوقوتۇشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەتلىرىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىلمىي بۆلۈمنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت جەدىۋىلى ۋە ھەپتىلىك خىزمەت كالىندار پىلانى ئەستايىدىل تۈزۈلۈپ ۋە ئىجرا قىلىنىپ، ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئوقوتۇشتىكى يىتەكچىلىك رولى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 12.ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە تۈرلۈك كۇرژۇك پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، 2-دەرىسخانا پائالىيەتلىرى سېستىمىلاشتۇرىلىدۇ. ھەر قايسى مەكتەپلەردىن 2-دەرسخانا پائالىيتىگە مەسئۇل مەخسۇس خادىم بەلگىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك پىلان، لايىھە تۈزۈپ چىقىلىپ شۇ بويىچە تولۇق ئىجرا قىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەمدە تاللانغان ئىجادىيەتلەر يېزا بويىچە كۆرگەزمە قىلىنىپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. سېلىشتۇرۇپ تاللاش ئارقىلىق ھەر ماۋسۇمدا 3~10پارچا ئىجادىيەتكە مۇكاپات بېرىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئۇچۇر قىلىپ يوللىنىلىدۇ. تارماق مەكتەپلەر بويىچە 3قېتىم، يېزا بويىچە 2قىتىم ئۇنۋىرسال مەزمۇندىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەنتەربىيە، ماتىماتىكا زىھىن سىناش، خەنزۇتىلى نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللىنىپ، مەكتەپنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ۋە ئوقوغۇچىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. 13. يىراق مۇساپىلىك ئوقوتۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقوتۇش مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يىراق مۇساپىلىك ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، ئۇچۇر رەتلەشكە مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ، چۈشكەن ئۇچۇرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئوقوتقۇچىلارغا ئېلان قىلىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقوتۇش ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقوتۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلىكتىرلەشكەن ئوقوتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. 14. ئوقوتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلار قەتئىي چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنى ھاقارەتلەش، تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش، لەقەم قويۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سىپىدىغان خاھىشلارغا نىسبەتەن ئوقوتقۇچىلارغا بولغان تەربىيە كۈچەيتىلىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ. 15. جەمىيئەتكە بولغان تەشۋىقات كۈچەيتىلىپ، ئوقوغۇچىلارنى يىتەكلەپ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملار كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان تونۇشى، مائارىپقا بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 16. ئىمتىھان ئېلىش، خۇلاسىلەش خىزمەتلىرى ئەستايىدىل تەشكىللىنىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش، ئوقوغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ بىلىم بىرىش ئەھۋالىغا قارىتا ئوبىكتىپ، ئادىل باھا بېرىلىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئوقوتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئوقوغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ مۇكاپات ئىش ھەققىدىن تەسىر قىلدۈرۇش، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەر باھالىماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. 17. ئوقوتۇش، تەتقىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئوقوتقۇچىلارنى ئوقوتۇش تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرىنى يېزىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. 18. مائارىپ ئىدارىسى بېكىتكەن سۈپەت نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، تېرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى يىللىق ھەر قايسى پەن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم سۈپەت نىشانى بەلگىلىنىپ، ئوقوتقۇچىلاردىن شۇ نىشانغا يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كونكىرتنى سۈپەت نىشانى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەندى:
ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇتىلى دەرىسىدە يەسلى بالىلىرى ۋە باشلانغۇچ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە ئوقوغۇچىلاردىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. مۇشۇ پىلان ئاساستا، مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقو-ئوقوتۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، ياش ئۆسمۈرلەرنى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مەكتىۋىمىزنى ساغلام بولغان مائارىپ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشىمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوقوتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، «قوش تىل» ئوقوتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇكاپات-جازانى ئېنىق ئايرىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلەر بىلەن ئوقوتۇش ئۈنۈمى يوقلارنى پەرىقلەندۈرۈپ، مەكتىۋىمىزنى ئوقو-ئوقوتۇش، بىلىم سۈپىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى ئىلغار ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|