![]() |
شىنجاڭ قىسمەن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: شىنجاڭ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، نوپۇس بىر قەدەر ئاز ۋە قاتناش ئانچە قولايلىق بولمىغان تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئۆيىدە يالغۇز قالغان بالىلار بىر قەدەر كۆپ رايونلار ھەمدە قوش تىللىق مائارىپ ئاجىزراق رايونلاردا ياتاقلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى چىڭ تۇتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشسىز قالغان، ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتىگە تەسىر يەتكەن ياكى قاتناش قولايسىز بولغان چەت ياقا دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، شارائىتى بولغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى مەكتەپ بىلەن خەنزۇچە مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، ئارىلاشما سىنىپ ئېچىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەكتەپ قۇرۇش شارائىتلىرى ياخشىلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ ئېچىش سۈپىتى ئۆستۈرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ خىراجىتىنى كۆپەيتىپ، كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك مەكتەپلەرنىمۇ ئۆلچەملىك مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى تەلىپىگە يەتكۈزىدۇ؛ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىش شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، شارائىت ھازىرلىغان ناھىيە شەھەرلەردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئاممىۋى مەكتەپ ئاپتوبۇسى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىش قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشتات بويىچە يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سەپلەيدۇ.
|