يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات شەربەتلىرىدە ناھايىتى مول بولغان ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئادەتتە مېۋىنى بىۋاسىتە يېگەندە ئۇ ئاشقازاندا ئاز دېگەندە ئىككى سائەت ساقلىنىدۇ، ئاندىن ھەزىم بولۇپ قان تومۇرلارغا ئۆتىدۇ، ئەمما مېۋە ۋە كۆكتات شەربەتلىرى ئاشقازانغا كىرىپ 20-30مىنۇت ئۆتمەيلا قانغا ئۆتىدۇ-دە، ئوزۇقلۇق بولۇش ۋاقتى قىسقىرايدۇ.
دائىم ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتات شەربەتلىرىدىن: سەۋزە شەربىتى، كەرەپشە شەربىتى، يېسسىۋېلەك شەربىتى، تەرخەمەك شەربىتى.
مېۋە شەربەتلىرىدىن: ئالما شەربىتى، ئەبنۇس شەربىتى، نەشپۈت شەربىتى قاتارلىقلار بار. يۇقىرىدىكى شەربەتلەردىن كۈندە بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بەرگەندە، ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە ياخشى ئۆزلىشىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !