زامانىۋى تېببىي ئىلىم ئىسپاتلىدىكى، ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىنC مول بولۇپ ل،ئۇنى دائىم يەپ بەرگەندە بەدەندىكى قارا پىگمېنتنى چەكلەپ، تېرىنىڭ ئاق، جۇلالىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۈچەي راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۈچەي يولىغا كىرگەن كۆپ مىقداردىكى ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، قان تومۇرلاردا توسالغۇ ۋە قان ئەخلەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، بەدەنگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىكەن ۋە قېرىشنى تېزلىتىدىكەن. ئاق تۇرۇپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەيدىكى بۇ خىل پايدىسىز ئامىللارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بەدەننىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قاننى جانلاندۇرىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !