جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-ئىيۇل خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ۋىرۇستىن كېلىپ چىققان جىگەر ياللۇغى ئەيدىز كېسىلى، تۇبېركۇليۇز ۋە بەزگەك قاتارلىقلاردىن ئېشىپ، ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى قاتىل بولۇپ قالغان.
بۇ تەتقىقاتنى ئەنگلىيە لوندوندىكى ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى (Imperial College London)نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قىلغان بولۇپ، تەتقىقات دوكلاتى 7-ئىيۇل خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مېدىتىسنا ژۇرنىلى بولغان «ئوپېراتسىيە پىچىقى(The Lancet)» دا ئېلان قىلىنغان.
ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى خانلىق ئىنستىتۇت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، پۈتۈن دۇنيادىكى 183 دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش ئىستاتىستىكىسىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقۇملىنىش، جىگەر كېسىلى ۋە راك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1990-يىلىدىكى 890 مىڭ ئادەمدىن 2013-يىلىدىكى بىر مىليون 450 مىڭ ئادەمگە كۆپەيگەن. كۆپىيىش نىسبىتى 63 پىرسەنتكە يەتكەن.
جىگەر كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە 96 پىرسەنتى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن قازا قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەڭ كۆپ بايقىلىدىغان جاي بولسا شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئىكەن.
ئوخشاش تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2013-يىلى پۈتۈن دۇنيادا بىر مىليون 300 ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. بىر مىليون 400 مىڭ ئادەم ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن قازا قىلغان. 855 مىڭ ئادەم بەزگەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان.
بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى كۇك مۇنداق دېدى: «1990-يىلىدىن باشلاپ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ۋە بەزگەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. لېكىن ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا».
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !