ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ئەكسىچە ئەتىگەندە تۇزلۇق سۇ ئىچىش زىيانلىق.
فىزىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەم بىر كېچە ئۇخلاش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ئىچمىگەن ئەھۋالدا نەپەسلىنىش، تەرلەش، سۈيدۈك چىقىرىش قاتارلىق ئەزالىرى دائىم ھەرىكەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بەدەندىكى سۇنى كۆپلەپ سەرپ قىلىۋېتىدۇ-دە، ئەتىگەندە بەدەندىكى قان قويۇق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچىۋەتسە سۇ دەرھال قان تومۇرلارغا تارقاپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
ئەگەر تۇز قوشۇلغان سۇ ئىچىدىغان بولسا، ئادەمنى دەرھال سۇسىزلاندۇرۇپ ئېغىز قۇرۇشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر ئۈچۈن تۇزلۇق سۇ تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !