شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى:
ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى ئاز مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، يەنى كۈنىگە بىر–ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %26 تۆۋەنلەيدىكەن، قارا قەھۋەنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان 5100 كىشى ۋە بۇ خىل كېسەللىك تارىخى بولمىغان 4000 كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچىش ئادىتىنى خاتىرىلەش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ جەمەت كېسەللىك تارىخى، يېمەك–ئىچمەك ئادىتى، چېنىقىش ئادىتى ۋە ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ئادىتىنىڭ بار–يوقلۇقى قاتارلىق ئامىللارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى خۇلاسىنى چىقارغان. تەتقىقاتچىلار يەنە قەھۋەنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ رولى بولماستىن، بەلكى قەھۋە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
ئېرفانجان ياسىن تەييارلىغان
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-06/20/content_528948.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !