-
2010-10-02
مەشرەپ (غەزەل) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
مۇھەممەتئىلى زۇزۇن تەشنائى
ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە - مىراس بىباھا مەشرەپ،
بۇغۇلغان دەم - نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ئاۋا مەشرەپ.
كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام - ئەلنەغمە، جانبازلىق،
ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.
بېغى سەن قان - قېرىنداشلىق، ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ،
ھوسۇل - بەھرىڭ ئاداۋەتلىك جاراھەتكە داۋا مەشرەپ.
يەنە سەن كاتتا سەيناسى ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ،
سېنىڭدە ئەنئەنە رەسمى - يوسۇن، شەرمى - ھايا، مەشرەپ.
يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى ئېسىل نەغمە - ناۋا، مەشرەپ.
‹مەشرەپ› ناملىق توپلامدىن يوللاندى.
收藏到:Del.icio.us