ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-28

    يامغۇردا... - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

     يامغۇر يېغىۋاتاتتى. دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ سېنى ئەسكە ئالدىم. كۈلرەڭ ئاسمان بېتىدىن غىل-پال كۆزۈمگە چىلىقىپ يوقاپ كېتىدىغان تامچىلار ماڭا تېخىمۇ كۈچلۈك سېغىنىشنى بېغىشلاۋاتاتتى. سېنى سېغىنماسلىقنى "قارار" قىلغان ئىدىمغۇ؟! يەنە نېمىشقا سېغىندىمكىن؟ ئادەم مانا مۇشۇنداق چۈشەنگۈسىز بىر نەرسە. قولۇمغا تېلېفۇننى ئالدىم ۋە ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدىم:

    " ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ سىرىتتا يامغۇر يېغىۋىتىپتۇ. كۈنلۈك ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ...."

    ئۇچۇرنى يېزىپ يوللاپ بولغۇچە يېرىم سائەتچە ۋاقىت كەتتى. پەقەت ئاشۇ بىر نەچچە جۇملە ئۈچۈنلا .... ساڭا نۇرغۇن سۆزلەرنى دېگۈم بولسىمۇ، مۇشۇ پەيىتتە ساڭا يۈرىگىم قېتىدىن تاللاپ چىقالىغان سۆزلىرىم پەقەت شۇ بولدى. بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچۇرۇمنى پەقەت ئاشۇ جۈملىلەر بىلەن بېزىدىم. بۇ بەلكىم ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى بۇزار ئېھتىمال.

    جىغىلداپ ئۇچۇر كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن تېلېفۇنۇمنىڭ ئىكرانىغا قارىدىم.

    -" رەھمەت، مەن ھەمىشە ئاشۇ كۈنلۈكنى يېنىمدىن ئايرىمىدىم. سىزچۇ؟ "

    ئەمدى نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئۇ كۈنلۈكنى مەن ساڭا سوۋغا قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس...، ئاشۇ كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا بىرگە بولالىغان بولساق ھە؟

    - "ياق، مەندە كۈنلۈك يوق. ماڭا بىرسى كۈنلۈك سوۋغا قىلمىغان. كۈنلۈكى بارلار ھەم بىرگە تۇرۇشنى خالىمىغان. شۇڭا مەن ھامان يامغۇردا، ھەمىشە يامغۇردىمەن..."

    - "چىداڭ".

    بۇ سۆزۈڭنى قانداق چۈشىنىشنى بىلمىدىم. مېنى "چىدا" ھامان بىر كۈنى سېنى ۋىسال كۈتىۋاتىدۇ دەۋاتامدىغانسەن ياكى چىدا ئۆزۈڭ تاپقان بالا بۇ دەۋاتامدىغانسەن. ئىشقىلىپ مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇزدەك يامغۇر تېخىمۇ ئەدەپ چۈشۈشكە باشلىدى. مەن تېلېفۇننىڭ ئىكرانىنى سىيلىغىنىمچە كوچىغا قاراپ ماڭدىم.

    بەلكىم بۇ كوچىدا ساڭا ئۇچرىشىپ قالارمەن.  ئىشىنىمەنكى، يوللار ھامان بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ. ۋە بەلكىم ساڭىمۇ ھەم.


    收藏到:Del.icio.us