ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-25

    رەشىد: قارا مىسرالار - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئاق يول بولسۇن

     

    چۈشلىرىمدىن كەتتىڭىز سەھەر،

    گۈلۈم دېدىم قولۇم يەتمىدى.

    سىز كەتتىڭىز ھاياتتىن ئۇزاپ،

    بۇندىن سېرىق ئەلەم كەتمىدى.

     

    ئىسىمداشلار ئۇچرىدى نەچچە،

    سىزدەك خۇلقى ئوبدان كۆرمىدىم.

    سىزنى قانداق سۆيۈپ قالغانمەن؟!

    گۈزەللەرگە قايتا كۆيمىدىم.

     

    ئىشەنمەيمەن ھاياتقا بەزەن،

    سىزسىز يالغان بولماسمىدى دەپ.

    نىسى ياشاپ يۈرگەندەك خۇددى،

    ياشاپ يۈردۈم بىر ئۆزۈم ئەجەپ.

     

    ئەلبۇم ئالماس بولدۇم قولۇمغا،

    ئەلبۇم ئەسلى يۈرەككە كۆچكەن.

    ھە ھاياتنى يات بىلىپ بەلكىم،

    قەلىبلەردىن تۇتقانسىز ۋەتەن.

     

    خىتىڭىزنى ئوقۇيمەن جىمجىت.

    ئاۋازىڭىز كىلىدۇ شۇدەم.

    ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ قالىمەن تەكرار،

    خۇشخۇيتىڭىز گۈلدەك ئەزىزەم.

     

    سىز بار چاغدا «گۈلۈم» دېيەلمەي،

    چۈشلىرىمدە توۋلايمەن بۈگۈن.

    قەلبىمدىكى گۈللەرنى پەقەت،

    بەرگەن ئىدىم بىر سىزگە پۈتۈن.

     

    مەيلى تەقدىر يازمىشى شۇنداق،

    رەھمان سىزنى رەھمەتكە ئالدى.

    يەنە رەھمەت ئېيتىمەن مەيلى،

    ماڭا تاتلىق ئەسلىمە قالدى.

     

    ئاق يول تىلەپ تۇردۇم ئەزىزىم:

    ئاق يول بولسۇن، جەننەتتە بولغىن.

    گۈلگە ئامراق ئىدىڭغۇ چەكسىز

    جەننەتتىكى گۈللەرگە تولغىن.

     

     *********************

     

    ھىدايەتكە يەتسۇن قەدەملەر

    سىز بولغاچقا پەسىللەر ئىسمى،

    باھار ئىدى چېچەكلەر كۈلگەن.

    ھايات قىرى ئۆزگىچە رەڭدار،

    ھەر ياپراقنى نۇر – زىيا سۆيگەن.

     

    شامال سىزگە قاراپ چاپاتتى،

    چېچىڭىزنى دورايتى تاللار.

    ئېقىنلار ھەم سىزگە سوزۇلغان،

    خۇلق بىرلە ئوت ئېلىپ جانلار.

     

    توزۇغانسىز ئەپسۇس چۈش كەبى،

    قۇيۇلماقتا ئىلكىمدىن خازان.

    ئەمدى پەسىل ئىسمى نە بولار؟!

    جاندىن جاننى ئالدىمۇ ھىجران؟؟؟

     

    بۇلاقلارنىڭ مۇڭلانغىنى راسىت،

    ئاسمىنىمدا يامغۇر شارقىراپ.

    قارا كېچە يىغلايدۇ ھەتتا،

    قارا سىياھ چېچىلغان ئەتراپ.

     

    دەرتلەر ئېغىر ئۇزۇتۇش قېيىن،

    ئەبەدىيلىك يوقاتقىنىم سىز.

    سوراپ باردىم يوللارغا سىزنى،

    ئۇلار جىمجىت بوغۇلۇپ ئۈنسىز.

     

    ئاكىڭىزنىڭ قەددى پۈكۈلگەن،

    ئاھ! ئانىڭىز چېقىلغان چۇل – چۇل.

    سىڭلىڭىزنىڭ كۆزلىرى بۇلاق،

    پىچاق كىرەر يۈرەككە ئۇدۇل.

     

    ئىنسان ئاجىز يىغلاپ قالىدۇ،

    سىزگە جەننەت تىلەيمىز جانىم.

    ھىدايەتكە يەتسۇن قەدەملەر،

    مەغپىرىتىگە ئالسۇن خۇدايىم.

      

     

     

    2010-9-24

     


    收藏到:Del.icio.us