-
2010-09-25
رەشىد: قارا كۈن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
تىنىچ ئولتۇرۇپ ئالبۇم ئاختۇردۇم،
پىچىرلاشماق ئۈچۈن سەن بىلەن.
يىل ئۆرۈلۈپ قارا كۈن كەپتۇ،
سۈكۈت ئىچرە بوزلايدۇ چىمەن.بەت قېتىدا گۈللەر قۇرۇپتۇ،
خۇشپۇرىقى يۈرەكتە قىلىپ.
قولۇم تىترەپ ئالدىم ياپرىقىن،
ھە، سېنىڭكى ياپرىقىڭ بىلىپ.بۇقۇلدايمەن سۈرەتكە قاراپ،
بەزەن چۈشۈم يوقلايسەن تۈندە.
قوبۇل قىلماي ئامالىم يوقتۇر،
ئېھ نەقەدەر ئاجىز بۇ بەندە.يوقلاپ بارسام بولاتتى سېنى،
بارالمىدىم ئۇزاق مەنزىللەر.
دۇئا قىلدىم جەننەتلىك بول دەپ،
جەننەت تىلەپ تۇرماقتا گۈللەر.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى历史上的今天:
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى (ئىسلامىزىم) 2010-09-25ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ 2010-09-25ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا 2010-09-25
收藏到:Del.icio.us