ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى

     

    مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر بار ئىكەن . 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13 –كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ خېلۋەت بوستانلىقلىرىدىن بىرى بولغان  مەھەللەمگە مەھمۇت ئېسىملىك بىر بالا قوشۇلدى . بۇ ئائىلىمىزگە بۆيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۇركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتاپنىڭ ئېلىپ كىلىنىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلگەچكە،ئىسمىمنى مەھمۇت قۇيغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئائىلىمىز ۋە مەھەللىمىزدە مىنى ئەدەبىيات بىلەن باغلايدىغان بىر ئادەت باشلىنىپتىكەن.

  •  

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزتۈرك بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى!

    يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن تورغا كىرىش ۋاقتىمنىڭ قىس بولۇپ قالغاچقا بىلوگىمدا <تەتىل> قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئىشلىرىمنى تەرتىپكە سېلىپ، خاتىرجەم تور مۇھىتىغا ئېرىشكۈچە يەنىلا بىلوگنى قايتا قولغا ئالالمىىم. يېقىندىن تورداشلارنىڭ ماڭا يوللىغان قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەتلىرىدىن بىلوگىمغا كېلىۋاتقان زىيارەتچىلەرنىڭ قۇرۇق قول قايتقۇسى يوقلىقىنى تېما يوللاپ يېڭىلاپ تۇرۇشۇمنى ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ ئەزىزتۈرك بىلوگى قايتا قوزغىتىلىپ، قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

        زىيارەتچى دوستلارنىڭ كەلگەن قەدىمىگە مەرھابا!

    ھۆرمەت بىلەن : بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

    2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى