ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئۆتكەن يىللىق دۇنيا كىنو بېلەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا جۇڭگو تۈرتكە بولدى

ۋاقتى : 2015-03-14  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

[URL]1836e3003b384a32f7ba9d8976f88e9c.jpg
 ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتىنىڭ 12-مارت ئېلان قىلىشىچە، ئۆتكەن يىل، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كىنو بىلەت كىرىمى 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %1 ئاشقان، بىراق ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ كىنو بىلەت كىرىمى %5 تۆۋەنلىگەن، چۈنكى بۇ ئېشىش جۇڭگوغا مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گېزىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ جەمئىيەتنىڭ يىللىق سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 2014-يىلى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كىنو بىلەت كىرىمى ئېشىپ 36 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 230 مىليارد يۈەن)غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا ۋە كانادادىن كەلگەن، جۇڭگونىڭ كىنو بىلەت كىرىمى تۆت مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %34 ئاشقان.
بۇ دوكلاتتا يېڭىچە مەزمۇنلار يوق ، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ كىنو بىلەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە چەتئەلنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى كۆپ قىسىم ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. بىراق، تەكشۈرۈش جەريانىدا كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئەگەر ئىزچىل تۆۋەنلىسە، كىنو مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا كىنو تىجارىتى ۋە يارىتىلىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
[URL]773f2abb34a2d8a89c4ae40adb401610.jpg
 
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، بىر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسا، ئۆتكەن يىلى، دۆلەت ئىچىدە 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان كىنو كۆرگۈچىلەر ئىچىدە، كىشى بېشىغا سېتىۋالىدىغان بىلەت سانى ئېشىپ 3.1 پارچىگە يېتىپ، ئۆتكەن بەش يىلنىڭ ھەرقانداق بىر يىلىدىن يۇقىرى بولغان. 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئىچىدە كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك كىچىك كۆلەمدە ئاشقان. 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپى ئىچىدە كىشى بېشىغا سېتىۋالىدىغان بىلەت سانى ئومۇميۈزلۈك ئازلىغان. ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلىشى ئەڭ ئېغىر بولغىنى 25 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئادەم توپى بولۇپ، تۆۋەنلەش كۆلىمى %20گە يېقىن بولغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە كىشى بېشىغا سېتىلغان بىلەت سانى ئازلاپ 3.7 پارچىگە يەتكەن، 2005، 2006 ۋە 2007-يىلدىكى 4.4 پارچىدىن ئىبارەت يۇقىرى قىممەتكە سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن %16 ئازلىغان.
20150314020736768.jpg
 
گەرچە ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ 3D ئېكرانىنىڭ سانى 16 مىڭ 146 گە يېتىپ، 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 364ى كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق 3D كىنوسىنىڭ بىلەت كىرىمى %21 تۆۋەنلىگەن، 2013-يىلدىكى بىر مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ بىر مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 2010 -يىلدىكى ئىككى مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى قىممەتكە سېلىشتۇرغاندا، 2014-يىلدىكى 3Dكىنو بىلەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەش كۆلىمى %36 تىن ئاشقان.
كىنوچىلىقنى بىر ئېشىش ئەھۋالى بولسا، ئۆتكەن يىلى ئاساسلىق كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋە تارماق شىركەتلىرىنىڭ كىنو مىقدارى، 2006-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىپ، 2013-يىلدىكى 114 قىسىمدىن 136 قىسىمغا يەتكەن.
دۆلەت ئىچى تارقاتقان كىنونىڭ ئومۇمىي سانى %7 ئاشقان، 659 قىسىمدىن ئېشىپ 707 قىسىمغا يېتىپ، ئۇزاق مەزگىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشتۇرغان. بۇ ۋەزىيەت نىسبەتەن كىچىك بولغان مۇستەقىل كىنولارغا تۈرتكە بولغان. ئۇلار دائىم پەقەت بىر نەچچە كىنوخانىلاردا قويغاندىن كېيىن، ۋىدېئو قويۇش مۇلازىمىتىگە يۆتكەلگەن.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا