مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹ھازىر دېھقانلار يەرگە ئىشلەشتىن قاچمايدۇ، ئەكسىچە، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ساتالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سىرت بىلەن بولغان ئالاقىگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەچكە، مەھسۇلاتلىرىغا ئالدىنئالا خېرىدار چاقىرىشنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسىم دېھقانلارلا ئالدىن كېلىشىم تۈزۈپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ كىرىم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم دېھقانلار يەنىلا گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ››، دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىر زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا.
ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى كۆپلەپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.
رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا باغۋەنچىلىك كۆلىمى خېلى كېڭەيتىلدى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارغا قاراتقان ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، دېھقانلار باغۋەنچىلىكتىن خېلى كۆپ كىرىم قىلغان بولسىمۇ، ساقلاش مۇددىتى قىسقا بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلىپ بولغۇچىلا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ، دېھقانلار نۇرغۇن زىيان تارتتى. مەن كۆزىتىش ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ توغرىلىق تەكلىپ سۇندۇم. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.