شىنجاڭ تورىنىڭ 10-مارت خەۋىرى: قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىپ ئۆي زىننەتلەيدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايقىشىچە، 2015-يىلى ھاك، بېتون ۋە خىشنىڭ باھاسى داۋاملىق چۈشكەن.
كۆپلىگەن بىناكارلىق، قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ۋە ياساش، زىننەتلەش كارخانىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى چۈشۈش ئەھۋالى 2014-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا باش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى باھاسى 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشقان. پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت، يەرلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىر ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئاساسلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىدا كۆپىنچىسىدە چۈشۈش كۆرۈلگەن، پەقەت ئىش ھەققى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆسكەن.
ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسلىدىن باشلاپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باھاسى ئۈزلۈكسىز ھالدا چۈشۈش يۈزلىنىشىدە تۇرغان، بولۇپمۇ پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت باھاسىنىڭ چۈشۈشى كۆرۈنەرلىك بولغان.
2014-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %0.2 يۇقىرى تۇرغان.
تەرجىمىدە: ھاجىم