ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

لېي جۈن: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلىمەسلىكى كېرەك

ۋاقتى : 2015-03-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

10.jpg

پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 9-مارت خەۋىرى: لېيجۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى چېنىقىش ۋە ئۆگىنىش جەريانى دەپ قاراپ، پۇل قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلىمەسلىك تەكلىپىنى بەردى، چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مەغلۇب بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاشقا بېرىش يولىدا، مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شياۋمى پەن-تېخنىكىسىنىڭ CEO سى لېيجۈن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بۇ يىلقى جۇڭگو ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىغا يېزىلىشى ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالغان بولۇپ: «يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىمىزدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، مەن شەخسەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ھەل قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قانداق پوزىتسىيەدە تۇرۇشقا نىسبەتەن، لېيجۈن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى جەمئىيەتنىڭ ئاسرىشىغا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، ياشلارنىڭ كۆز قارىشى، ئارزۇسى بار، ھېچقانداق چەكلىمە يوق، ناھايىتى ئاسانلا بۈيۈك ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى چېنىقىش ۋە ئۆگىنىش جەريانى دەپ قاراپ، پۇل قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلىمەسلىك تەكلىپىنى بەردى، چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا مەغلۇب بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

تەرجىمىدە: ئاينۇر

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا