پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 9-مارت خەۋىرى: جۇڭگونىڭ ئالدىنقى ئايدىكى سودا ئاكتىپ بالانىسى يەنە يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈردى، لېكىن چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى ئىمپورت ماللار قىممىتىنى تۆۋەنلەتتى.
قەمەرىيە يېڭى يىللىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ سودا سانلىق مەلۇماتىدىكى تولغىنىشتىن ساقلىنىش تەس، بۇ يىل بېشىدىكى ئىككى ئاينىڭ يىغىندا سانلىق مەلۇماتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسىگە ئالاقىدار تېخىمۇ توغرا ئەھۋالنى تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئېكسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى، لېكىن ئىمپورت ماللار قىممىتى %20 چۈشتى.
بلۇمبېرگ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باش ئاسىيا ئىقتىسادشۇناسى توم ئورلىك (Tom Orlik) بىلدۈرۈپ:«مەن %15 لىك ئېكسپورت ئېشىشىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قارىماققا خېلى ياخشى ئىپادە» دېدى.
خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 2-ئايلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى 370 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن يۇقىرى بولدى، 1-ئايدا 366 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئىدى.
ئورلىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە سودا ئاكتىپ بالانىسى نورمال ئەھۋالدا خەلق پۇلى قىممىتى ئۆرلەش بېسىمىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بازار يەنىلا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىقتىسادى ئاجىز ھەمدە پۇل سىياسىتى يەنىلا قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ قارىغان.
جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى دېيىشىچە، 2-ئايلىق ئېكسپورت %48 ئاشقان، بۇ سان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.
تەرجىمىدە: ئوكيان