جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23- دېكابىر بىريۇسسېلدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ توردىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچراتقان. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 23- دېكابىر بىريۇسسېلدا بۇ توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئالاقىدار سۆزى پۈتۈنلەي ئاساسسىز، دېدى.
تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى روگېرس يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا پۇقرالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلغانلىق ئىشىنى توختىماي مۇنازىرە قىلسا، ئۇ ھالدا جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا كارخانىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ توردىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچراتتى، دېدى.
جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ. «پرېسما ۋەقەسى» كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغىدى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى باشقۇرۇشىنى، كەسپىي بولمىغان ھەمدە مەسئۇلىيەتسىز ئەيىبلەش ئارقىلىق دىققەتنى يۆتكەشكە ئۇرۇنماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، روگېرس يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىدا «ۋائىزلىق قىلىپ»، ئەگەر سنوۋدېن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «سوتقا چىقىپ» گۇۋاھلىق بەرسە، ياۋروپا- ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، سنوۋدېن «سەھنىگە چىقالمايدىغان بىر نېمە» بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنداق نەرسىنى «سوتقا چىقىپ» گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ.
ياۋروپا پارلامېنتى 12- دېكابىر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ئېدۋارد سنوۋدېننى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەقەسىگە گۇۋاھلىق بېرىشكە رەسمىي قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي دەلىللىدى. كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، ياۋروپا پارلامېنتى 20 مەسىلە توپلاپ، سنوۋدېننىڭ ئادۋۇكاتىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى سنوۋدېننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى «سىن» شەكلىدە «سوتقا چىقىپ» گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلماقچى. تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سنوۋدېننىڭ «سوتقا چىقىش» ۋاقتى تەخمىنەن 2014- يىلى 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇشى مۇمكىن.