جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى سۇسان رايس 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن يەنە يادرو قوراللىرى ياساشقا ئۇرۇنسا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قايتىدىن جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رايس ئامېرىكا مېدىيەلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا بوشاشتۇرۇلسا قايتا باشلاشنىڭ تەسكە توختايدۇ» دېگەن كۆز قاراشنى ئىنكار قىلغان.
رايس سۆز قىلىپ: «بىز ئىراننىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى جەزمىلەشتۈرمەي تۇرۇپ ھەر قانداق بىر كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايمىز ھەم ئىمزا قويمايمىز» دېگەن. ئەگەر ئىران كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ.
رايس بايانات ئېلان قىلىپ، «ئاپتوماتىك قوزغىتىش» قا مۇناسىۋەتلىك جازا مېخانىزىمىنىڭ تېخى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى، مەسلىھەتلىشىشكە نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ سۆز قىلىپ، ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرىقى كېلىشىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو قوراللىرى ياساش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاقىت بېرىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رايس بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرقى جازانىڭ ئىران نېفىت ئېكسپورتى ۋە باشقا سانائەتكە يېتەرلىك زەربە بېرەلەيدىغان بېرەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىرانننىڭ يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ياكى كەچمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمىدە: ئاينۇر