سۈرەتتە: ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمىنىڭ «ئارىيائاكې ناملىق» (Ariake No.) ناملىق قوغداش پاراخوتى.
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «خىرىستىيان دىنى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 21-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمى ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى 21- چىسلادىن باشلاپ ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر چېنناي شەھىرى (Chennai City) دە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىشنى باشلدى.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمى بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۈچۈن سۇ چىقىرىش مىقدارى 4550 توننا بولغان «ئارىيائاكې ناملىق» ناملىق قوغداش پاراخوتى ۋە سۇ چىقىرىش مىقدارى 3550 توننا بولغان سېتو فوگ (Seto fog signal) ناملىق ئىككى دانە قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئاجاراتقان.
مەزكۇر ئىككى دانە قوغدىغۇچى پاراخوت ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمى 3-قوغدىنىش قىسىم ئەترىتىگە تەۋە بولۇپ، ھازىر سۇمالى دېڭىز رايونىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى بىر دانە قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر دانە قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى، بىر دانە دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشقا قاتنىشىش پاراخوتىنى ئاجراتقان.
بۇ ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق بىرىنچى قېتىملىق دوستلۇق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئەمەلىي ئۇرۇشنى ئاساسى مەركەز قىلىدۇ، ئاساسلىقى سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە سۇ ئۈستى پاراخوتىغا بىرلىشىپ زەربە بېرىش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر بۇ يىل 5-ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگ (Singh) بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چىقارغان قارار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.