تۈركىيە دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-دېكابر خەۋىرى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، تۇنىس ئايال ساقچىسى يايمىچى ياش مۇھەممەد بۇئەزىزىنى ئاشكارا ھاقارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد بۇئەزىزىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى تۇنىس، مىسىر، يەمەن، سۇرىيەنى قاپلىغان ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇنىس پرېزىدېنتى زەيىن ئابىدىن بىن ئەلىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھەرىكىتى قوزغىلىپ، تۇنىسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام بولدى، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە يەمەن پرېزىدېنتى سالىھ ئىستېپا بەردى. لىۋىيە رەھبىرى قازافى تىرىك تۇتۇلدى ھەمدە ئېتىپ تاشلاندى.
سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدكە قارشى ئۇرۇشتا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۇرۇشى 3 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، 120 مىڭ سۇرىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. مۆلچەرلىنىشچە، 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئادەم لىۋىيە ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مىسىر ئىنقىلابى ھەمدە 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇھەممەد مورسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مالىمانچىلىقتا، مورسىنىڭ نەچچە يۈز قوللىغۇچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەرلىك ئۇچۇر مەنبەسىدە دېيىلىشىچە، 8-ئايدا رابىيە ئەل-ئاداۋىيە مەيدانىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈشتە 2000 نەچچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا سۈننىي مەزھىپى بىلىەن شىئە مەزھىپىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى، بەزىدە لىۋانغا يامرىدى، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ئارمىيىسى بەشار ئەسەدنى قوللاپ ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشتى. مەزھەپ ئۇرۇشى ئىراققىمۇ يامرىدى.
ئوخشاش ئەھۋال يەمەندىمۇ مەۋجۇت، شىئە مەزھىپىدىكى خۇسى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكى سالافىستلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھىندونېزىيە جاكارتا پوچتا گېزىتى خەۋەر قىلىشىچە، جەمئىي 180 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن. 6 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.