ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئالتۇن بىلەن نېفىتنىڭ باھا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئالتۇن بىلەن نېفىتنىڭ باھا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

2011-06-14 12:11     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇھەممەد تۇراپ       مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئالتۇن بىلەن نېفىت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. ئالتۇن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل. بىراق نېفىت سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان....

مۇھەممەد تۇراپ

      مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئالتۇن بىلەن نېفىت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. ئالتۇن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل. بىراق نېفىت سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ قېنىغا ئايلانغان. ئالتۇن بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئۇزۇندىن بۇيان، گەرچە ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ، بىراق، خەلقئارادا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەندە ئالتۇن باھاسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

    بىرىنچى، دوللارنىڭ پېرېۋوت باھاسىنىڭ داۋالغۇشى بولۇپمۇ دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن ۋە نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     ئالتۇن بىلەن نېفىت دۇنيا سودا بازارلىرىدا دوللارنى باھا ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىدۇ. دوللار خەلقئارا سودىدىكى ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ، ھەر قېتىم دوللارنىڭ كۇرسى ئۆرلىسە ياكى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش يۆلىنىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەكسىچە دوللارنىڭ كۇرسى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دوللارنى زور مىقداردا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، دوللار كۇرسىنىڭ ئايدا چۈشۈشى كېلىپ چىققانلىقتىن، كىشىلەر خېيىم–خەتىرى كىچىك بولغان، قىممىتى ساقلىنىدىغان ئالتۇن قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلەندى. ئالتۇن — ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل بولۇپ، قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ۋە خېيىم–خەتەردىن ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى مۈلۈكلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، كىشىلەر خېيىم–خەتەردىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغلىرىنى ئالتۇن سېتىۋېلىشقا يۆتكىگەنلىكى ئۈچۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى كېلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر دوللارنىڭ كۇرسىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىسە نېفىتنىڭ باھاسى يەنىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن، بىراق، نېفىت بۈگۈنكى كۈندە، سانائەتتە كەم بولسا بولمايدىغان بايلىق بولغاچقا، كىشىلەر نېفىتنى زور مىقداردا سېتىۋېلىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.

     ئىككىنچى، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى پۇل پاخاللىقىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ،  بىۇنىڭ بىلەن پۇل پاخاللىقى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     ئۇزۇن مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما، شىددەتلىك پۇل پاخاللىقىغا ئۇچراپ، مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى ۋە پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاقزادە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بازارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېفىت باھاسى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دائىم پۇل پاخاللىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارىلىدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىنى زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئىچىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتكۈل مال باھاسىنى تەدرىجىي ئۆرلىتىۋېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن، پۇل پاخاللىقى ئەكسىچە نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نىفىتنىڭ باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالتۇن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قىممىتىنى ساقلاشتەك ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش قورالى. پۇل پاخاللىقى كۈرۈنەرلىك بولغان مەزگىلدە، ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. مەسىلەن، 1997-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدا ھىندىستاندا ئالتۇننىڭ باھاسى يەتتە  ئاي ئىچىدە %375 ئۆرلىگەن. بىراق، بۈگۈنكى دۇنيادىكى زور بىر قىسىم رايونلار يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ياكى يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ كۆزلىمىسىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ.

     ئۈچىنچى، نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرنىڭ ئالتۇن تىجارىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

     ئۇزۇندىن بۇيان، نېفىت باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلىشىدىكى سىگىنال كۆرسەتكۈچى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. چۈنكى، بازار ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ-تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ داۋالغۇغانلىقىنى كۆرسەتكەندە، بۇ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ ئەللەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولۇپمۇ، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ ئەللەرنىڭ قولىدىكى غايەت زور سوممىلىق نېفىت دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نېفىت دوللار دېگىنىمىز نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەر زور مىقداردىكى نېفىتنى ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق بىر قەدەر زور ئاكتىپ بالانىس شەكىللىنىدۇ. خەلقئارا بازاردا نېفىت دوللار بىلەن راسچوت قىلىنغاچقا، نېفىت دوللار دەپ ئاتىلىدۇ.نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئىران قاتارلىق چوڭ ئەللەر دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب ئەللىرى بولۇپ، ئۇلار نېفىت دوللارغا بولغان مەشغۇلاتى ئوخشارش بولغاچقا، بۇ غايەت زور مەبلەغلەر مەركەزلەشتۈرۈپ كونتىرول قىلىنسا خەلقئارا بازارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ. نېفىت — نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قانچە ئاللەرنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، نېفىت گەرچە ئۇ ئەللەر ئۈچۈن غايەت زور سوممىلىق پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە بولۇشى ئۇلارغا مەلۇم خېيىم–خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. خېيىم–خەتەرلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى ئەللەر ھەمىشە دوللارنىڭ زور بىر قىسمىنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا سالىدۇ. بىراق ئالتۇن خېيىم–خەتەردىن ساقلاش ۋە مەبلەغ سالغاندا قىممىتىنى ساقلاشتىكى ئېسىل قورال بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى ئەللەرنىڭ تاللاش دائىرسىدە بولىدۇ. نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن نىفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت دوللار تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەللەر ئالتۇننىڭ خەلقئارا زاپاستىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ.نېفىت دوللارنىڭ سوممىسى زور بولغاچقا، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى ئەللەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى كۈچىيىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئەكسىچە بولىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەندە نېفىت كىرىمىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمى چىقىمنى قاپلىيالماي، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەر بىر قىسىم ئالتۇن زاپىسىنى كېمەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ نورمال راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل كېمەيتىش شەك شۈبھىسىزكى، ئالتۇن بازىرىدىكى تەمىنلەش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇننىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە، ئۇلار ھەتتا ئالتۇنلارنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېتىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى يەنە بىر كۈچ خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كېلىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى بىرقەدەر باي ئەللەردىن باشقا يەنە مېكسىكا، نېگىرىيە، ۋېنسوئىلا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچىنچى دۇنيادا تۇرۇۋاتقان بەزى ئەللەر نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدەك زىيانغا ئاسان ئۇچرىغاچقا، بۇ ئەللەر ئالتۇننى زاپاس ساقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەللەر دۇنيا بانكىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلارنىڭ زور مىقداردىكى قەرز پۇللىرىنى قوبۇل قىلغاچقا، ناۋدا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە بۇ ئەللەرنىڭ خەلقئارادىن ئالغان قەرز پۇللارنى قايتۇرۇشى قىيىنلىشىپ، خەلقئارا قەرز كرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ ئەلەرنىڭ مەلۇم ئالتۇننى زاپاس ساقلاپ، خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئەللەر قەرزدارلىق بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا ئارقىلىق پۇلنى ئاشۇرۇپ تارقىتىش، ئۆسۈم نورمىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2011-07-05 01:09 ئارمان0998 

    ياخشىكەن ………..كوپرەك يوللاڭ

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter